Chinese→UyghurMain Dictionary
统制派
دۇنيا تارىخى
بىر تۇتاش ئىدارە قىلىش تەرەپدارلىرى
ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى گۇرۇھلارنىڭ بىرى. 1931-يىلدىكى ئۆكتەبر ۋەقەسىدىن كېيىن پەيدىنپەي شەكىللەنگەن. ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ تولىسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋازارىتى، باش شتاب قاتارلىق مەركىزىي ئورگانلاردىكى ياردەمچى ئوفىتسىرلار. مەركەزلىك ئادىمى ناگاتا تېتسۇزان، ئىشىۋاراكانجى قاتارلىقلار. ئۇلارنىڭ مۇنارخستلارنىڭ گۇرۇھۋازلىق مۇناسىۋىتىگە ۋە <بىۋاستە ھەرىكەت> پىلانىغا قارشى چىقىپ، ھەربىي مەركىزىي ئاپپاراتنىڭ بىر تۇتاشلىقىنى ساقلاپ، قانۇنىي يول بىلەن ھەربىي ئىستېبداتلىقنى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر تۇتاش ئىدارە قىلىش تەرەپدارلىرى دەپ ئاتالغان. 1934-يىلى خاياشگىن جورو قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى، ناگاتا تېتسۇزان ھەربىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغاندىن كېيىن، مۇنارخستلاردىن بولغان ئوفىتسېرلارنى ئۈزلۈكسىز تازىلاپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ ئەمەلىي ھوقوقىنى تەدرىجىي قولغا كىرگۈزگەن. 1936-يىلدىكى 26-فېۋرال ۋەقەسىدىن كېيىن، <ئارمىيىنى تازلاش> ئارقىلىق، مۇنارخىستلار كۈچلىرىنى ئۈزۈل ـ كېسىل تازىلاپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە شتابىنى پۈتۈنلەي تىزگنلىگەن.