Chinese→UyghurMain Dictionary
同功器官
بىئولوگىيە
ئوخشاش ئىقتىدارلىق ئورگان
ئوخشاش بولمىغان جانلىقلاردىكى مورفولوگىيىلىك شەكلى بولۇپ، ئىقتىدارى ئوخشاش، ئەمما كېلىش مەنبەسى ۋە ئاساسىي تۈزۈلۈشى تامامەن ئوخشىمايدىغان ئورگانلار. مەسىلەن، ھاشاراتلار ۋە قۇشلارنىڭ قانىتى ئوخشاشلا ھاۋادا ئۇچۇشقا مۇناسىپ ئورگان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تۈزۈلۈشى ئوخشىمايدۇ. ئالدىنقىسى كۆكرەك پلاستىنكىسى بىلەن يان پلاستىنكىنىڭ كېڭىيىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، ھالبۇكى كېيىنكىسى ئالدى قولنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. يەنە مەسىلەن، ئۈزۈمنىڭ چىرمىغۇچىسى بىلەن پۇرچاقنىڭ چىرمىغۇچىسىنىڭ سىرتقى شەكلى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇپ، ھەر ئىككىسى يۆگىشىۋېلىش رولىنى ئوينايدۇ، بىراق ئۈزۈمنىڭ چىرمىغۇچىسى غولنىڭ ئۆزگىرىشىدىن، پۇرچاقننڭ چىرمىغۇچىسى كىچىك يوپۇرماقنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ئوخشاش بولمايدۇ. سوپۇن دەرىخىنىڭ غول تىكىنى بىلەن تۇخۇمەك دەرىخىنىڭ يوپۇرماق تىكىنىمۇ ئوخشاش ئىقتىدارلىق ئورگانلاردۇر.
تېببىي
tong gōng qì guān
ئوخشاش فۇنكىسىيىلىك ئەزالار Dئۆسۈملۈك
tong gōng qì guān
ئىقتىدارداش ئەزاDئۇنىۋېرسال
tong gōng qì guān
ئانالوگلۇق ئورگانلار