UyghurMain Dictionary
تون
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ئالدى ئوچۇق، تۈز ياقىلىق چوڭ چاپان.
تون كىيدۈرمەك.* تون ياپماق.* بەقەسەم تون.* كىيىم ئايىغان تون كىيەر ( ماقال ).* ئاغىسىز ئەل بولماس، ياقىسىز تون( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. مۇزىكىشۇناسلىق ئاتالغۇسى. تاۋۇشىنىڭ ئېگىز _ پەسلىكى.
2. تىلشۇناسلىق ئاتالغۇسى. بەزى تىللاردا، مەسىلەن، خەنزۇ تىلىدا ئاھاڭنىڭ يۇقىرى _ تۆۋەنلىكى .
خەنزۇچە خەتلەردە تۆت تون بار.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
كىيىم، تون، لىباس:
ئېرۇر سەرگەشتە خاكى تەن ئارا مەھزۇن كۆڭۈل ھەريان،
تون ئەتكەندە قويۇندىن جىسمىغە مەجنۇنى سەرگەردان.
نەۋايى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۇجۇركا ئۈستىگە كىيىلىدىغان ئۇزۇن كىيىم.
« چاپان » ئومۇمىي ئاتىلىشى.
« تون » ياقىسىز بولىدۇ، ئادەتتە بەقەسەم، چەكمەنلەردىن تىكىلىدۇ. ئۇيغۇرلاردا ئۇلۇغلارغا، خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە تون ياپىدىغان ئادەت بار.
« پېرىجە » يەرلىك چەكمەن رەختىن تىكىل
چاپان كۆيسە كۆيسۇن، قاران قاينىسۇن. كونا چاپان ئىت ھۈرسىمۇ يىرتىلار. ئاتىنىڭ سالغان يولى بار، ئانىنىڭ تىككەن تونى بار. ھەقىقەتكە توننىڭ لازىمى يوق. ئەسكى پېرىجىنىڭ ئىچىدە ئەۋلىيا بار، ئەسكى ئېگەرنىڭ ئاستىدا دۇلدۇل. نىمچا كىيگەن قۇشناچىم تۆرگە لايىق. ئەسكى چەكمەن يامغۇردا ياخشى. پەلتو پەم بىلەن كىيگەننى ياخشى كۆرىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تون، كىيىم.
3 - 188
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
>مۇز< تاۋۇشنىڭ ئېگىز ياكى پەسلىكى.
>تىل< خەنزۇ يېزىقىدىكى ھەربىر خەتنىڭ ئوقۇلۇشىدىكى ئاھاڭنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئالدى ئوچۇق، تۈز ياقىلىق، ئۇزۇن سىرتقى كىيىم.