UyghurMain Dictionary
تومۇر قاناتلىقلار ئەترىتى
بىئولوگىيە
ھاشاراتلار سىنىپىدىكى بىر ئەترەت. ئادەتتە ئۇلار ئوتتۇرا، كىچىك تىپلىق بولىدۇ. چوڭ تىپتىكى تۈرلىرىمۇ ئۇچرايدۇ. بەدەن دىۋارى نازۇك، بەزىدە تۈكلۈك ياكى ئاق موم بىلەن قاپلانغان بولىدۇ. چاينىغۇچى ئېغىز ئاپپاراتى، مۇرەككەپ كۆزى چوڭ، ئىككى مۇرەككەپ كۆزىنىڭ ئارىلىقى يىراقراق، قانىتى ئىككى جۈپ، كېيىنكى قاناتلىرىنىڭ ھەممىسى پەردىلەشكەن بولىدۇ. ئۇلارنىڭ شەكلى، چوڭلۇقى ۋە قان تومۇرلىرى بىردەك ئوخشاش. تومۇر سىزىقلىرى تورسىمان، دەم ئالغان ۋاقتىدا قاناتلىرى دۈمبىسىدە ئۆگزىسىمان قىر ھاسىل قىلىپ جايلىشىدۇ. مۇكەممەل ھالەت ئۆزگەرتىدۇ. ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى قۇرۇقلۇقتا ھايات كەچۈرىدۇ. يېتىلگەن قۇرت لىچىنكىلىرى گۆشخور بولۇپ، كۆك پىت، قاسىراق قۇرت، پاراشوك پىتى ھەمدە كانا قاتارلىقلارنى تۇتۇپ يەيدىغان، ئىنسانلارغا پايدىلىق ھاشارات ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن چۆپ يىڭناغۇچى (كرىزوپا، chrysopa)، مىرمېلېئون (Myrmeleon) قاتارلىقلار بار، نۆۋەتتە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى چوڭ چۆپ يىڭناغۇچى (C.septempunctata) قاتارلىقلارغا ئوخشاش كۆپ خىل چۆپ يىڭناغۇچلىرى كېۋەز غوزا قۇرتى قاتارلىق ئاساسلىق زىيانداش قۇرتلاردىن بىئولوگىك مۇداپىئەلىنىشكە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىشلىتىلىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە ئىلمىي خادىملارنىڭ ئېتىبارىنى قوزغىماقتا ۋە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىنىپ، سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىلماقتا.