UyghurMain Dictionary
توما يوڭ
دۇنيا تارىخى
(1773 - 1829) ئەنگىلىيىلىك دوختۇر ۋە فىزىكا ئالىمى، يورۇقلۇق دولقۇنى تەلىماتىغا ئاساس سالغۇچى. 1802 - يىلى يورۇقلۇقنىڭ ئىنتېرفىرېنسىيە ئەۋرىشكىسىنى كەشىپ قىلغان ھەمدە دولقۇننىڭ تەكرار قوشۇلۇش قائىدىسىنى ئېنىق شەرھلىگەن.لېكىن 1815 - يىلىغا كەلگەندىلا، ئۇنىڭ تۆھپىسىگە فىزىكا ئالىملىرى ئېتىبار بىلەن قارىغان. بۇلاردىن باشقا، ئۇ تېخى ئېلاستىكىلىق مودېل مىقدارى (<يوڭ مودېلى>) غا ئەڭ بۇرۇن ئېنىق تەبىر بەرگۈچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا <كېسىش دېفورماتسىيىسى> نىڭمۇ بىر خىل ئېلاستىكىلىق شەكىل ئۆزگىرىشى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن.