UyghurMain Dictionary
توڭلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سوغۇق تەسىر قىلىپ، ئىسسىقلىق يوقالماق.
بىرى تويۇپ سەكرەيدۇ، بىرى توڭۇپ. مۇزلىساڭ مۇز يە. مۇزلىغان كۆڭۈلنى كۈن ئىسسىتالماس.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
سوغۇقنىڭ تەسىرى ئۆتۈپ، سوغۇق ھېس قىلماق. توڭلاپ كەتمەك، توڭلاپ قالماق، مۇزلاپ كەتمەك
ئىسسىماق ، قىزىماق
ئىسسىقنىڭ تەسىرى ئۆتۈپ، ئىسسىق ھېس قىلماق. ئىسسىپ كەتمەك، ئىسسىپ قالماق، قىزىپ كەتمەك
توخۇ توڭلىغانسېرى دەرەخنىڭ ئۇچىغا چىقار. ئاپتاپتا بىردەم ئولتۇرغانىكەن، ئىسسىپتۇ. بالىنى ئاپتاپتا قويما، قىزىپ كېتىدۇ، دېدى ئانا. مۇزلىغاندا مۇز كالتەك يەپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
سوغۇقتىن مۇزلاپ قاتماق، مۇزغا ئايلانماق.
قار بىلەن تەڭ توڭلىدى تۇپراق، شىۋىرغانلىق، سوغۇق ھەممە ياق.
مۇزلىماق، توڭماق.
ئۇنىڭ ئەتراپىدا جۇۋا كىيگەن، سوغۇقتىن توڭلىغان كىشىلەر ئىسسىنىپ ئولتۇرۇشاتتى.
قېتىپ قالماق، مۇزلاپ ئۆلمەك.
بۇ يىلقى قاتتىق سوغۇقتا تۆت توخۇمىز توڭلاپ قالدى.
كۆچمە. قىزغىنلىقى سوۋۇماق، مېھىر - مۇھەببىتى قايتماق (راي، كۆڭۈل قاتارلىقلار ھەققىدە).
تۇراپنىڭ سۆزى خۇددى بىر كۆزگە كۆرۈنمەس ئىسسىق ئېقىمدەك، دېھقانلارنىڭ توڭلىغان ۋۇجۇدىغا ئىللىق ھارارەت بېغىشلىدى.