Uyghur←ChineseMain Dictionary
تولىياتتى
دۇنيا تارىخى
陶里亚带
táo lǐ yà dài
(1893-1964)يەنە بىر ئىسمى ئېركول. ئىتالىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى \(9441 - 1964)، گېنۇيادا خىزمەتچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1914-يىلى ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1915-يىلى تۇرىن داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1919-يىلى <يېڭى تەرتىپ> ھەپتىلىك ژۇرنىلىنى تەسىس قىلىشقا قاتناشقان. 1921-يىلى موسكۋاغا بارغان، كېيىن ئۇزاققىچە فرانسىيە، بېلگىيە ۋە شۋېتسارىيىدە تۇرۇپ ئىتالىيە كومپارتىيىسىنىڭ چەت ئەللەردىكى مەركىزىنى تەشكىل قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ ئاساسىي مەسئۇلى بولغان. 1935-يىلىدىن تارتىپ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1937-يىلى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، ئىسپانىيىگە بېرىپ خەلق فرونتى ھۆكۈمىتىگە ياردەملەشكەن. 1940-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ رادىئودا خەۋەر بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. 1944-يىلى ئىتالىيىگە قايتىپ، ئىتالىيە كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە بەلگىسىز مىنىستىرلىكنىڭ مىنستىرى، ئەدلىيە مىنىستىرى ۋە مۇئاۋىن باش ۋەزىر بولغان، كېيىن ئىچكى كابېنتتىن چېكىنىپ چىققان. 1948 - يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. شۇ يىلى قەست بىلەن يارىلانغان. ئاپپاراتلارنى ئىسلاھ قىلىشنى،تىنچ ئۆتۈشنى تەشەببۇس قىلغان؛ كۆپ مەركەزچىلىكنى ئوتتۇرغا قويغان، ھەربىر دۆلەت كوممۇنىزم جەمئىيىتىگە كىرىشتىن ئۆزىگە باب كىلىدىغان يولنى تاللىسا بولىدۇ، دەپ قارىغان. 1964 - يىلى 8 - ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ <ئىتالىيە كومپارتىيىسىنىڭ 30 يىللىق جەڭگىۋار ھاياتى>، <ئىتالىيىنىڭ كوممۇنىزمغا بېرىش يولى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.