UyghurMain Dictionary
تولغاق
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ تەسىرى ۋە تولغاق باكتېرىيىلىرىنىڭ قۇشۇلۇشىدىن سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
توڭۇپ تىترەش، تەرەت سۇدەك ھەم شىلىمشىق، بەزىدە قان، يىرىڭلىق كۆپ قېتىم كېلىش، قۇرۇق ئىنجىق، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
قارا ھېلىلە، ئارپىبەدىيان، قەنت تەڭ مىقداردا، كالا يېغى مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
قارا ھېلىلىنى كالا يېغىدا قورۇپ، باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تالقان تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 3 ~ 5 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سېرىقپىچەك ئۇرۇقى 10 گرام، ئاق قىچا، ئارچا مېۋىسى، ئىسپىغۇل 30 گرامدىن، خەشخاش ئۇرۇقى، بەزرۇلبەنجى، زىرە، كەرەپشە ئۇرۇقى، كۈدە ئۇرۇقى سەككىز گرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سۇ بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا يەتتە تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
قارا ھېلىلە، ئارپىبەدىيان ۋە قەنتتىن تەڭ مىقداردا، كالا يېغى مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كالا يېغىدا قورۇپ تالقان تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 3 ~ 5 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كېسەل، ئېزىلىش، سىقىلىش
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تۇغۇش ئالدىدا تۇتىدىغان قاتتىق ئاغرىق.
بىر كۈنى كەچتە ئايالىمنى تولغاق تۇتۇپ قالدى، تۇغۇت ئانىسىنى چاقىرىپ كىردىم.
<تېب> ئۈچەي يوللىرىنىڭ ياللۇغلىنىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل. كېسەل پەيدا قىلغۇچىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ باكتېرىيىلىك تولغاق ۋە ئاميوبالىق تولغاق دەپ ئىككى خىل بولىدۇ