Uyghur←ChineseMain Dictionary
توكوگاۋا مىتسۇكۇنى
Domain: دۇنيا تارىخى德川光囹
dé chuān guāng líng
(1628 - 1700) ياپونىيىنىڭ ئېدو دەۋرىدىكى مىتو ۋاسساللىقىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد ۋاسسال بېگى. توكوگاۋا يودىفۇسا (1603 - 1661) نىڭ ئۈچىنچى ئوغلى. 1633 - يىلى (كۇەنيۇڭنىڭ 10 - يىلى) ئاتىسى ئۇنى ۋەلىئەھد قىلىپ بېكىتكەن. 6571 - يىلى (مىڭلىنىڭ 3 - يىلى) ئېدودىكى ئوردىدا <بۈيۈك ياپونىيە تارىخى> نى تۈزۈشكەكىرىشكەن. 1661 - يىلى (كۇەنۋىننىڭ 1 - يىلى) ۋاسسال بەگنىڭ ئورنىغا چىققان. 1665 -يىلى كۇەنۋىننىڭ 5 - يىلى (چىڭ سۇلالىسى كاڭشىنىڭ 4 - يىلى) جۇڭگولۇق كۇڭزىچى جۇشۇنشۇي (1600 - 1682) نى تەكلىپ قىلغان. بۇ، مىتونىڭ ئۆگىنىش ئىستىلىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. ۋاسساللىقتا يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىلگەن، يۈكسەك سامۇرايلار ئىستىلى تىكلەنگەن، ئىبادەتخانا تۈزۈملىرى تەرتىپكە سېلىنغان. 1690 - يىلى (يۇەنلۇنىڭ 3 - يىلى) ئۆز ئورنىنى ئاكىسى تسۇنا ئېداغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. كېيىن ئۇنىڭ ئىش - ئىزلىرى بايان قىلىنىدىغان كىتابلار چىققان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.