Uyghur←ChineseMain Dictionary
توينبې
دۇنيا تارىخى
汤因比
tāng yīn bǐ
(1)ئارنولد توينبې (1852- 1883) ئەنگىلىيە سوتسىئولوگى، ئىقتىسادشۇناسى. لوندوندا تاشقى كېسەللەر دوختۇرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلىپىدە ئوكسىفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پېمېروك ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. كېيىن مۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پېمېروك بارىئو ئىنىستىتۇتىغا يۆتكەلگەن. 1878 - يىلى مۇشۇ مەكتەپتە ئۇقۇتقۇچى بولۇپ، ئىقتساد تارىخىنى سۆزلىگەن. 1881 - يىلى مۇشۇ ئىنستىتۇتنىڭ بوغالتىرىيە مۇدىرى بولغان. سانائەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى ئىشچىلار ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشقا ئەڭ بالدۇر كىرىشكەن ئالىملارنىڭ بىرى. ئىشچىلارغا سۆزلىگەن ئاممىباپ نۇتۇقلىرىدا ھۆكۈمەت ئىشچىلار بىلەن كاپىتالىستلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئارلاشسا بولمايدۇ، <شەخسلەرنىڭ توختامنامە تۈزۈش ئەركىنلىكى> گە ئارىلاشسا بولمايدۇ، دېگەن سۆزلەرگە زەربە بەرگەن. ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئەمگەكچىلەر سىنىپىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تەرغىپ قىلغان، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئېتىبار بېرىپ، ئوكسفور ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىرتىدا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى، دوستلۇق جەمئىيەتلىرى، ھەمكارلىق ھەرىكەتلىرى، دىنىي جەمئىيەت ئىسلاھاتلىرى، ھەمكارلىق ھەرىكەتلىرى، دىنىي جەمئىيەت ئىسلاھاتلىرىغا ياردەملىشىپ، بارنېت دىنىي رايونىنىڭ پوپى بولغان. ھېرىپ چارچاپ ئاغرىپ قېلىپ، بۇرۇن قازا قىلىپ كەتكەن، ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرى <ⅩⅤⅢ ئەسىردىكى ئەنگلىيە سانائەت ئىنقىلابى تېزىسلىرى> دېگەن تېمىدا 1884-يىلى نەشر قىلىنغان. (2) ئارنولد جوسېف توينېي (1889 - 1975) ئەنگلىيە تارىخشۇانسى، تارىخ مورفولوگىيىسى ئېقىمىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى. ئارنولد توينبېنىڭ جىيەنى. لوندوندا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ۋېنچېستېر توينبېنىڭ جىيەنى. لوندوندا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ۋېنچېستېر ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى باررىئو ئىنستىتۇتىدا ئوقۇپ، كلاسسىك تەربىيە ئالغان، كېيىن ئافېنا برىتانىيە ئىنستىتۇتىغا بېرىپئارخېئولوگىيىدىن بىلىم ئاشۇرغان. 1912-يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىغا قايتىپ كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، قەدىمكى زامان تارىخىدىن دەرس ئۆتكەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى سىياسىي ئاخبارات باشقارمىسىدا ۋەزىپە ئۆتەپ، پارىژ سۈلھ يىغىنىغا قاتناشقان. 1919-يىلى لونداون ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولۇپ شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى (ۋىزانتىيە) تارىخى ۋە يېقىنقى گرېتسىيە تارىخىدىن دەرس سۆزلىگەن. 1921 - 1922-يىللىرىدىكى گرېتسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە <مانچېستېر مۇھاپىزەت گېزىتى> نىڭ مۇخبىرى سالاھىيىتى بىلەن ئۇرۇش بېرىپ زىيارەت قىلغان. 1925-يىلى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارالىق تارىخ تەتقىقات پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنغان ھەمدە ئەنگلىيە خانلىق خەلقئارا ئىشلار ئىلمىي جەمئىيىتى تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ مۇدىرلىقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە <خەلقئارا ئىشلاردىن ئومۇمىي مەلۇمات> يىللىق ژۇرنىلى (1920 - 1946) نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. بۇلاردىن باشقا يەنە لوندون ئىقتىساد ئىنستىتۇتى دۇنيا تارىخى پروفېسسورى بولغان ھەمدە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بىرمىنھام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات دوكتورى ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1937-يىلى ئەنگلىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولغان. 1943، 1946-يىللىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. كېيىن تىنچلىق پەرۋەرگە ئايلانغان. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن 12 توملۇق <تارىخ تەتقىقاتى>، يەنە <سىناقتىكى مەدەنىيەت>، <بىر تارىخشۇناسنىڭ دىن قارىشى>، <ئىنسانىيەت ۋە زېمىن ئانام> قاتارلىقلار بار.