UyghurMain Dictionary
توغراق
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
توغراق.
1 - 611
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ تال - تېرەكلەر ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، تېرەككە ئۇرۇقداش دەرەخ. ئېگىزلىكى
5 ~ 8 مېتىر كېلىدۇ؛ يوپۇرماق شەكلى كۆپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، يۇمران شاخلىرىدىكى يوپۇرماقلىرى تار ۋە ئۇزۇنراق، گىرۋىكى تولۇق بولىدۇ، كونا
شاخلىرىدىكى يوپۇرماقلىرى كەڭ تۇخۇم شەكلىدە، قىيپاش تۆت بۇرجەك شەكلىدە ياكى يۈرەك شەكلىدە بولۇپ، گىرۋىكىدە چىشلىرى بولىدۇ،
رەڭگى كۈل رەڭ يېشىل؛ ئانىلىق ۋە ئاتىلىق تۈپلىرى ئايرىم بولىدۇ، غوزا شەكىللىك مېۋىسى تۇخۇمسىمان بولۇپ، ئۇچىدىن يېرىلىدۇ، ئۇرۇقى
كۆپ، ئۇزۇن پاختىدەك تۈكچىلىرى بار.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يېلىمى ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇنى توپا ئاستىدىن كولاپ ئالغاندىن كېيىن، يات نەرسىلىرى تازىلىۋېتىلىپ، خام
ياكى دەرەخ يېلىمىنى ئېزىپ داسقا سېلىپ، باراۋەر مىقداردا سۇ قويۇپ، قىزىتىپ ئېرىتكەندىن كېيىن سۈزۈپ، كۈچلۈك ئوت بىلەن سۈيى پۈتۈنلەي
ھورغا ئايلىنىپ بولغۇچە قاينىتىپ، قازان تېگىدىكى كۆيگەن شامىلىرىنى ئېلىۋېتىپ، كۆيمىگەن قىسمىنى يۇمشاق ئېزىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا
ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دەريا بويلىرى ۋە قۇرۇپ
كەتكەن دەريادا، بولۇپمۇ تارىم دەريا ۋادىلىرىدا كۆپ ئۆسىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
ھارارەتنى پەسەيتىش، زەھەر تارقىتىش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ خام توغراق يېلىمى 4 ~ 12 گرام، تالقان ياسالمىسى 1 ~ 2 گرام
ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
خام توغراق يېلىمىدىن 4 ~ 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، گال ئاغرىقى، ئېغىز، چىش ئىششىپ ئاغرىش ۋە بويۇن لىمفا
سىلىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئون پىرسەنتلىك توغراق يېلىمى سۇيۇقلۇقىنى كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ئاغرىقىغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى توغراق يېلىمى تالقىنىنى كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر گرامدىن ئۇدا يەتتە كۈن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان
ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى چۆل - باياۋانلاردا بىر خىل چوڭ تېرەك ئۆسىدىغان بولۇپ توغراق دېيىلىدۇ. ئۇ ئادەتتىكى تېرەكلەرگە ئوخشىمايدۇ، چۆل - باياۋانلاردىكى قۇرغاق ھەم ئۆزگىرىشچان ناچار كىلىماتقا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، شورغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك. يەر ئاستى سۈيىدە تۇز تەركىبى ناھايىتى يۇقىرى بولغان شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدا، ئوخشاشلا بۈك - باراقسان ئۆسۈۋېرىدۇ.
توغراق ئالاھىدە ياشاش ماھارىتىگە ئىگە. ئۇنىڭ يىلتىزى10 مېتىردىنمۇ تۆۋەن يەر قاتلىمىدىن سۇ سۈمۈرەلەيدۇ. ئۆسۈملۈك تېنىدە يەنە كۆپ مىقداردا زاپاس سۇ ساقلاپ، قۇرغاقچىلىقتىن ساقلىنالايدۇ. توغراقنىڭ ھۈجەيرىلىرى ئالاھىدە فۇنكسىيىلىك بولۇپ، شور سۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىمايدۇ؛ ھۈجەيرە سۇيۇقلۇقىنىڭ قويۇقلۇقى (كونسېنتراتسىيىسى) ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدە شور بولغان يەر ئاستى سۈيىدىن سۇ ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ئۈزلۈكسىز سۈمۈرۈپ ئالالايدۇ. توغراقنىڭ شېخىنى سۇندۇرغاندا، سۇنۇق ئېغىزىدىن ئېقىپ چىققان دەرەخ سۇيۇقلۇقى پارلانغاندىن كېيىن بىئولوگىيىلىك شۇلتا (ئىشقار) قېپقالىدۇ. توغراق شۇلتىسىنى يېمەكلىككە ئىشلەتكەندىن باشقا، يەنە سوپۇن ياساشقا ياكى تېرە ئاشلاشقا بولىدۇ. كىشىلەر توغراقتىن پايدىلىنىپ شۇلتا ئىشلەپچىقىرىدۇ. بىر تۈپ چوڭ توغراقتىن يىلىغا نەچچە ئون كىلوگرام شۇلتا ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدۇ.
توغراق ئەڭ قەدىمكى بىر خىل تېرەك خىلىدىكى دەرەخ بولۇپ،60 مىليوندىن ئارتۇق يىللار ئىلگىرىلا يەر شارىدا ياشاشقا باشلىغان. ئۇ، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ، ئېگىزلىكى15 ~30 مېتىر، ياش دەرەخ (كۆچەت) ۋە يۇمران شاخلىرىدا زىچ ئۆسكەن يۇمشاق تۈكچىلىرى بولىدۇ. يوپۇرمىقىنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى زور، ياش دەرەخ ياكى يۇمران شاخلىرىدىكى يوپۇرماقلار يىپسىمان تېمىنە شەكىللىك، ئەمما ئوتتۇرا ياشتىكى دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى بولسا تۇخۇم شەكىللىك ياكى بۆرەك شەكىللىككە ئۆزگىرىدۇ. بېغىررەڭلىك تېمىنە شەكىللىك پوتلا چىقىرىدۇ (گۈل رېتى)، مېۋىسى ئۇزۇن ئېللىپس شەكىللىك غوزا مېۋە. توغراق يەنە يىلتىز قىسمىدىن بىخلىنىپ يۇمران مايسىلارنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلەيدىغان زېمىنىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ بارىدۇ.
توغراقنىڭ ئۆسۈشى بىرقەدەر تېز، ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرىنى يەم - خەشەك قىلىشقا بولىدۇ. ياغىچى سۇغا ۋە چىرىتىشكە چىداملىق بولۇپ، كۆۋرۈك ياساشنىڭ ئالاھىدە سۈپەتلىك ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. قەغەز ياساش ۋە ئۆي جاھازلىرى ياساشقىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. توغراقلىق ئورمان يەنە كۆچمە قۇملارنى توسۇش، مۇھىتنى كۆكەرتىش، ئېتىز - ئېرىقلارنى قوغداش رولىغا ئىگە بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالى رايونىدىكى دەريا - ئېقىنلارنىڭ ئىككى ياقىسى ياكى يەر ئاستى سۇ ئورنى بىرقەدەر يۇقىرى جايلاردا ئورمان بىنا قىلىشنىڭ مۇھىم دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<بوت> تال ۋە تېرەكلەر ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. ياغىچى قۇرۇلۇش، ئۆي جاھازلىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ، تارىم ۋادىسىغا كەڭ تارقالغان.
غۇلجا شەھىرىگە قاراشلىق بىر يېزىنىڭ نامى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
تەكلىماكان چولىدە ئۆسىدىغان چىداملىق دەرەخ؛ توغراقتەك كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئۆسىدىغان بىر خىل چىداملىق دەرەخ؛ توغراقتەك چىداملىق ۋە بەردەم كىشى.