UyghurMain Dictionary
تۆشۈك
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
كامار، يېرىق.
تۆشۈك تەشمەك.* تۆشۈكنى ئەتمەك.* يىڭىنىڭ تۆشۈكىدىن مىڭ ئۆتمەك.* ئۇنىڭ كىرمەيدىغان تۆشۈكى يوق.* ئارزو خالتىنىڭ تۈۋى تۆشۈك ( ماقال ).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەرسىنىڭ ئېچىلىپ قالغان ئوچۇق يېرى.
كىچىك چاغدا كۆرگەن يوچۇق، چوڭ بولغاندا كامار بوپتۇ. ھەقىقەتەن نۇرى كىچىككىنە يوچۇقتىنمۇ جاھاننى يورۇتالايدۇ. تۆشۈك يىرتىقىن كۈلەر. كىچىككىنە تۆشۈك چوڭ كېمىنى ھالاك قىلار.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىچى بوش.
پۈتەي، پۈتۈك
ئىچى تولۇق.
قومۇشنىڭ ئىچى پۈتەي بولماس، يالغانچىدا ئىناۋەت. قۇۋنىڭ قۇلىقى پۈتۈك. تۆشۈك مونچاق يەردە قالماس. ساۋابنىڭ كۆتى تۆشۈك.
شىۋىلەر
قازان، ئاش - تاماق ئىشلىرى. مەسىلەن: تۆشۈككە ئوبدان _ ئاش - تاماققا ئۇستا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تېشىلگەن جاي، يېرىق؛ كامار.
يىڭنىنىڭ تۆشۈكى. كەمەرنىڭ تۆشۈكى.
يىرتىق تۆشۈكتىن كۈلەر، چۆمۈچ قازاندىن كۈلەر (ماقال).
تۆشۈك مۇنچاق يەردە ياتماس، يەردە ياتسا توپا باسماس (ماقال).
تۆشۈك قۇلاق نېمىنى ئاڭلىماس (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۆينىڭ سۇپرا، تاختا قاتارلىق تاماق سايمانلىرى ئورۇنلاشقان جايى.
ئاخىرى ئۇنىڭ كۆزى تۆشۈك تەرەپتىكى تامغا يانداش سېلىنغان كونا پالاسقا توختىدى.
ئاش - تاماق ئېتىش ئىشى ۋە ماھارىتى.
تۆشۈكى يوق.
رابىخان ئۇنى تۆت - بەش يېشىدىن باشلاپلا تۆشۈككە ئۆگەتكەن، ھەرقانداق تاماقنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم .
ئۆي ئىشى، تاماق تەييارلاش ئىشى.
تۆشۈككە پىشقان قىز.* تۆشۈكنىڭ قېلىپى يوق.