UyghurMain Dictionary
تۆرە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
قائىدە، قانۇن، ئىنتىزام؛ ئادەت.
ئادەم بويى باراۋەرىدە ياسالغان قالغان.
خانزادە، پادىشاھزادە، خان ئەۋلادىغا مەنسۇپ كىشى:
3. تۆۋە بارچە قۇللاب ئىلە بەندۇ بەست،
كەمىن ئەيلەبان كەينىدە ئەھلى شەست.
نەۋايى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر يۇرۇتنىڭ ھوقۇقدارى، ئاقسۆڭەك.
بېگىڭگە يەتكۈچە، بېلىڭنى ئوشۇتاي. ھۈنەرسىز بولغاچقا قانچىلاپ خوجا، ئامالسىز قالماقتا قۇللار ئالدىدا. تۆرىدىنمۇ ئاشپەز توق. تۆرىنىڭ ئىتىمۇ تۆرىچە ھۈرىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تور، ئۆينىڭ تۆرى.
(لەۋلەشتۈرۈپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ). تۆرە يوقلادى _ تۆرگە چىقتى. بۇ سۆز بەزىدە « تۆر» دەپمۇ ئېيتىلىدۇ.
3 - 305
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خانلىق تۈزۈمىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار.
ئۇلار تەنتەنىلىك مېڭىپ شىپاڭ ئالدىغا كەلگەندە، ۋەزىرلەر ۋە باشقا بىر قىسىم بەگ - تۆرىلەر ئۇلارنى ھۆرمەت بىلەن قارشى ئالدى.
ھۆرمەت يۈزىسىدىن كىشىلەرنىڭ نامىغا، مەنسىپىگە قوشۇلۇپ كېلىدۇ ياكى ئىسمنىڭ ئورنىدا ئېيتىلىدۇ.
مەن ئاغچىلىرىمىز بىلەن كىچىك تۆرەمنى ئىزلەپ يۈرۈپ ئارقىدا قالدىم.
كۆچمە. بيۇروكرات.
ئۇ غەمسىز تۆرىلەر ئاممىنىڭ ھالىغا يەتمەيدۇ.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
تەربىيە، تەجرىبە، قائىدە - يوسۇن، ئەنئەنە؛ نەسەبلىك، قۇسۇرسىز، مۇكەممەل.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
تۆرەم، تۆرىخان
بەگزادە، ئاقسۆڭەك، كىچىك خۇجام، كىچىك ئىشان (بۇ ئەسلى موڭغۇلچە <تۇراھ> دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىشان ۋە خۇجا ئەۋلادلىرىنىڭ ھۆرمەت نامى بولۇپ قالغان، دېيىلىدۇ)