UyghurMain Dictionary
تۆكمەك
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تۆكمەك، ئايرىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
سۇيۇق ياكى چېچىلغان نەرسىلەرنى باشقا نەرسىگە چۈشۈرمەك، ئاغدۇرماق.
قىز ئۆينى سۈپۈرۈپ ئەخلەتنى ھويلىدىكى ئورىغا تۆكۈپتۇ.
چۈشۈرمەك، تاشلىماق.
يۇلغۇنلار چېچەكلەپ كۈلدى ئۇ كېچە، بۇ كېچە سارغىيىپ تۆكتى يوپۇرماق. ئۆتكەن يىل بىر موماي كۆز يۇمغان ئۆيدە، كۆز ئاچتى دۇنياغا بۇ يىل بىر بوۋاق.
(خىش، كېسەك قاتارلىقلارنى) قۇيماق.
كېسەك لازىم دېدىلىما، كېەك دېگەننى بىزدەك ئوغۇل بالا تۆكمەي كىم تۆكىدۇ.
كەڭتاشا سەرپ قىلماق.
ئالدىمىزغا مېۋە - چېۋە، يېمەك - ئىچمەك دېگەننى تۆكۈۋەتتى.
ئاقتۇرماق، ئېقىتماق (كۆز يېشى، قان، تەر ھەققىدە).
ئۇ يەنىلا ئۈنسىز ياش تۆكمەكتە ئىدى.
كۆچمە. چاچماق، پۈركۈمەك، ياغدۇرماق.
قۇياش پۈتۈن ئەتراپقا يىللىق نۇر تۆكۈپ تۇراتتى.
كۆچمە. كۆڭۈلدىكىلىرىنى ئېيتماق، ئېيتىپ كۆڭلىنى بوشاتماق.
ئۇ لىتىپئاخۇننى تېپىپ، كۆڭلىدىكى ھەسرىتىنى تۆكۈپ، بولۇۋاتقان بۇ قالايمىقانچىلىقلارنىڭ سەۋەبىنى بىلمەكچى ئىدى.
كۆچمە. يوق قىلماق، چۈشۈرمەك.
ئابرۇينى تۆكمەك.