Uyghur←ChineseMain Dictionary
توچىسكىي
دۇنيا تارىخى
托契斯基
tuō qì sī jī
(1864 - 1918 ) روسىيە ئىشچىلار ھەركىتى ئەربابى. ئوفىتسېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، ئىنقىلابىي ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسىنى تەشكىللىگەنلىكتىن، ئائىلىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ، ئوقۇشتىن توختاپ قالغان، 1884 - يىلى پېتربۇرگتا ماركسزم ئەسەرلىرى بىلەن تۇنۇشقان. 1885 - يىى <پېتربۇرگ ئىشچى - خىزمەتچىلەر جەمئىيىتى>(يەنى توچىسكىي گۇرۇپپىسى) نى ئۇيۇشتۇرغان. 1888 - يىلى قولغا ئېلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنغان. 1905 - يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە، موسكۋا دېكابر قوراللىق قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. 1917 - يىلى ئۆكتەبر ئىنقىلابى مەزگىلىدە، ئورال بېلورېتسكى شەھىرى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى كومىتىتىنىڭ ئەزاسى، ھەربىي ئىنقىلابىي كومىتىتنىڭ رەئىسى بولغان. 1918 - يىلى 7 - ئايدا سوتسىيال ئىنقىلابچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.