Uyghur←ChineseMain Dictionary
تېننو كامىتاكې
Domain: دۇنيا تارىخى神武皇
shén wǔ huáng
رىۋايەتلەردىكى ياپونىيەنىڭ تۇنجى ئەۋلاد تېننوسى. <قەدىمكى سالنامە>، <ياپون يازما خاتىرىلىرى> دە خاتىرىلىنىشىچە، ئۇ كۈنچىقىشتىن ئاتلىنىپ، سېتو ئىچكى دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئايلىنىپ ئويماتوغا (بۈگۈنكى نارا) كېلىپ، يەرلىك ھەر قايسى مىللەتلەرنى بويسۇندۇرۇپ، توخۇ يىلىنىڭ (مىلادىدىن 660 يىل ئىلگىرى) بېشىدا كاشىغارا ئوردىسىدا تەختكە ئولتۇرغان. مىيجىنىڭ 5-يىلى (1872-يىلى) ئاشۇ يىل ياپون ئېراسىنىڭ باشلىنىشى قىلىپ بېكىتىلگەن. ئەمما تارىخشۇناسلار بۇ چۈشەنچىگە بۇرۇندىنلا گۇمان بىلەن قاراپ كەلمەكتە.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.