UyghurMain Dictionary
تىن
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
نەپەس، تىنىق .
تىن ئالماق.* تىن تارتماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
تىنماق، تىنىش. 1. لېيى، دۇغى سۈزۈلمەك.
سۇ تىنىپتۇ.
2. تىنجىماق، توختىماق. ئىت ئىتلىقىنى قىلمىسا كۆڭلى تىنمايدۇ ( ماقال ).* شامال تىندى.* ئۇ سەل تىنىۋېلىپ سۆزلىدى.
3. نەپەس ئالماق. ئۇ چوڭقۇر تىندى.* ئەھمەت ئۇلۇغ _ كىچىك تىندى.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ھالاۋەت؛ دەم.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تىن، تىنىق، نەپەس؛ روھ، جان.
ئانىڭ تىنى كەسلدى _ ئۇنىڭ تىنىقى كېسىلدى، يەنى ئۇ جان ئۈزدى.
1 - 441
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يۈگەن.
تىن تىزگىن _ يۈگەن - تىزگىن.
1 - 441
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تىن ~ تىڭ، ئارام ئالغان، بىكار.
تىن كىشى _ ھېچانداق مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللانماي بىكار يۈرگەن كىشى. بىر نەچچە كۈن ئىشلىتىلمىگەن ھەر قانداق ھايۋانغىمۇ مۇشۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ.
3 - 188
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تىزگىن.
3 - 189
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
نەپەس، تىنق، دەم؛ دەم ئالماق، تىنماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
نەپەس، تىنىق، دەم.
تىن تارتماي ئۆلمەك.