Uyghur←ChineseMain Dictionary
تىل ئۆگىنىش
پسىخولوگىيە
语言学习
yǔ yán xué xí
بۇ تىل بەلگىلىرى بىلەن ئۇ ئىپادىلىگەن شەيئىلەر ئارىسىدا باغلىنىش ھاسىل قىلىش جەريانىدۇر. مەكتەپلەردە بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئۆگىنىش خېلى ئومۇملاشقان. مەسىلەن: تىل دەرسىدە سۆز ئۆگىنىش شەيئىلەرگە ۋەكىللىك قىلغان تىل بەلگىلىرىنى ئۆگىنىش بولۇپ، ئۇ تاۋۇش، شەكىل ۋە مەنىلەرنى باغلاشتۇرۇش جەريانىدىن ئىبارەت. بۇ خىل ئۆگىنىش ئاساسەن خاتىرە پائالىيىتىگە تايىنىدۇ. ئۆگەنگەن تىل مەلۇم سانغا يەتكەندىن كېيىن، ئۇنى يىغىنچاقلاپ، كېيىن ئۆگىنىدىغان تىل ئۈچۈن ئاساس سېلىپ، كونا يېڭىلىرى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش ھاسىل قىلىش كېرەك. تىل ئۆگىنىشتە يالغۇز مېخانىك خاتىرىگە تايىنىشقا بولمايدۇ. تىل بەلگىلىرى ئارىسىدىكى ئىچكى باغلىنىشلار ئارقىلىق چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرۇشقا دىققەت قىلىش لازىم.
ئۇنىۋېرسال
言语学习
yán yǔ xué xí