Uyghur←ChineseMain Dictionary
تېلېپىن
Domain: دۇنيا تارىخى铁列平
tiě liè píng
خىتت پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى). خان جەمەتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى توقۇنۇشنى چەكلەش ئۈچۈن، پادىشاھلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمىنى ئورناتقان. يەنى ئوغلى بولسا چوڭىنى، ئوغلى بولمىسا كۈيئوغلىنى ۋارىس قىلغان. يەنە ئاقسۆڭەكلەر يىغىنى (<تولياس>) بىلەن ئاۋاملار يىغىنىنىڭ ھوقۇق چېكىنى بەلگىلىگەن. ئاۋاملار يىغىنى بارلىق جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. يۇقىرىقى ئىسلاھات دۆلەت ئاپپاراتىنى مۇستەھكەملەش ۋە خان جەمەت ئوتتۇرىسىدىكى قاتىللىقلارنى ئازايتىشتا بەلگىلىك رول ئوينىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا پادىشاھ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى خىتت پادىشاھلىقىغىچە داۋاملاشتۇرۇلغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.