UyghurMain Dictionary
تىلەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر نەرسىگە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلغان ئىچكى سېزىم.
ئارزۇدا ئەيىب يوق. ئارزۇنىڭ چېكى يوق. ئارزۇ _ ئىدىيىنىڭ ئاتىسى. ئارزۇدىن تۇلپار تۇغۇلسا. دىۋانە پىيادە ماڭماس ئىدى. تىلەك بولسا، بىلەك تالماس. ئالىي ئىستەك _ بۈيۈك دۆلەت. ئۈمىد ئۆمۈر تىرىكى. ئەل ئۈمىدىنى ئەر ئاقلار. ئەر داڭقىنى ئەل ساقلار. رىجا كۈچ بېغىشلايدۇ. ئاساسىسز ئارمان ھەقىقىي غايىنى بىتىچىت قىلار. ئارمىنى يوق ئازار.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تىلەك.
1 - 537
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىرەر نەرسە، ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان ئارزۇ، ئىنتىلىش، ئىستەك.
ھازىرچە بۇ ئىشىڭنىمۇ قويۇپ تۇر، چوڭ تىلەك ئورۇندالغاندىن كېيىن، باشقىلىرىنى ئويلاشساڭمۇ ئۈلگۈرىسەن.
مەلۇم ئۈمىد ياكى ئېھتىياج بىلەن باشقىلارغا قىلىنغان تەلەپ، مۇراجىئەت.
قارىغۇنىڭ تىلىكى ئىككى كۆز (ماقال).
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۈمىد، ئارزۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
ئۈمىد، تىلەك-ئارزۇ، تىلەكلىك كىشى. باشقا شەكىللىرى: تىلەكباي، تىلەكبەگ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
ئۈمىد، ئارزۇ(بۇ يەردە پەرزەنتكە ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت تىلەككە يەتكەنلىك مەنىسى ئىپادىلىنىدۇ.)