Uyghur←ChineseMain Dictionary
تىك قەبرە مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
坚穴墓文化
jiān xué mù wén huà
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى قىزىل مىس دەۋرى مەدەنىيىتى. دنېپىر دەرياسى بىلەن ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى ئارىلىقىغا تارقالغان. قەبرىنىڭ ئۈستىدىكى توپا ئېگىز ئەمەس ( ئادەتتە بىر مېتىردىن يەتتە مېتىرغىچە بولىدۇ)، تېگىدە ئانچە چوڭقۇر بولمىغان تىك قەبرە كولانغان، قەبرە ئاستى بىلەن جەسەتنىڭ ئۈستىگە قىزىل رەڭلىك ماتېرىياللار چېچىلغان، قەبرە ئۈستى تاختاي بىلەن يېپىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە توپا دۆۋىلەنگەن جەسەت يىغىپ كۆمۈلگەن. قەبرىدىن چاقماق تاشتىن ياسالغان پىچاق، يونۇش ئەسۋابى، ئوقيا ئۇچى، شۇنىڭدەك سۆڭەكتىن ياسالغان قوراللار ۋە قىزىل مىس قوراللار چىققان. ئىقتىسادىي تۇرمۇشى بېلىقچىلىق ھەم ئوۋچىلىقنى ئاساس قىلغان. ساپال بۇيۇملار تۇخۇم شەكلىدىكى ئاستى ئۇچلۇقراق كەلگەن. دەۋرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى ئۈچ مىڭىنچى يىلدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ئىككى مىڭىنچى يىلغا توغرا كېلىدۇ.