UyghurMain Dictionary
تىكەنلىك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. تىكىنى بار، تىكەنلەر بىلەن قاپلانغان.
تىكەنلىك گۈل.
ئى. تىكىنى بار ئۆسۈملۈكلەر كۆپ ئۆسكەن ۋە تىكەن بىلەن قاپلانغان جاي.
يالىڭاچ ماڭغان تىكەنلىكتىن ماڭالماي، ئاياغلىرىنى كىيىشكە باشلىدى.
سۈپ. يىڭنىسىمان، ئۆتكۈر، ئۇچلۇق مىخلىرى بولغان.
تىكەنلىك سىم.
سۈپ. كۆچمە. كىشىگە قاتتىق تېگىدىغان، يېقىمسىز، نەشتەردەك؛
ئۇنىڭ تىكەنلىك سۆزلىرى رابىيەنىڭ يۈرىكىگە سانجىلىپ تېخىمۇ بىئارام قىلدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
تىكەن كۆپ جاي.