Uyghur←ChineseMain Dictionary
تىكاماتسۇ موندژائىمون
Domain: دۇنيا تارىخى近松门左卫门
jìn sōng mén zuǒ wèi mén
(1653 - 1724) ياپونىيە ئېدو دەۋرىدە ئۆتكەن دراماتورگى، دزىيورۇرى تىياتىر سەھنە ئەسىرى يازغۇچىسى. ئەسلى ئىسمى سۇگىنومورى نوبۇرې. ياشلىق دەۋرىدە، كىيوتو ئەتراپىدىكى تىكاماتسۇ ئىبادەتخانىسىدا ئوقۇغان ھەمدە بۇ ئىبادەتخانا نامىنى ئۆزىنىڭ فامىلىسى قىلغان. ئاتاقلىق ئارتىس ساكاتا توجۇرۇ (1647 - 1709) ئورۇنلىغان درامىلارنى يېزىپ بېرىش بىلەن داڭق چىقارغان. يەنە تاكىمو تويوشى تافۇ (1651 - 1714) غا يېزىپ بەرگەن دزىيورۇرى يېڭى سەھنە ئەسەرلىرىدە تىپنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قوزغىغان. 1703 - يىلى يازغان <سونېزاكنىڭ ئىشق - مۇھەببەت يولىدا قۇربان بولۇشى> ناملىق ئەسىرى بىر مەھەل داڭق چىقارغان.1715 - يىلى يازغان <گۇشىڭيى بىرلەشمە جېڭى> ناملىق ئەسىرىدە، جېڭ چىڭگۇڭنىڭ ئىش ئىزلىرى مەدھىيىلەنگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.