Uyghur←ChineseMain Dictionary
تكاچېۋ
دۇنيا تارىخى
特卡卓夫
tè kǎ zhuó fū
(1844 - 1886). روسىيە ئەدەبىي تەنقىدچىسى، نارودنىڭ مۇتەپەككۇر، ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن چىققان. 1862-يىلى ئەدەبىيات پائالىيىتىنى باشلىغان، دائىم <روسىيە سۆزى>، <ھەرىكەت> دېگەن ژۇرناللارغا ماقالە بېرىپ تۇرغان. ئىنقىلابىي ھەرىكەتكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، بىرنەچچە قېتىم قولغا ئېلىنغان. 1872 - يىلى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1875-يىلى جەنۋەدە <سىگنال> دېگەن ژۇرنالنى چىقارغان ھەمدە فرانسىيىدىكى بلانكىچىلارغا يېقىنلاشقان. ئەدەبىي تەنقىد يولى بىلەن سىياسىي قارىشىنى ئىپادىلىگەن. چار پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقىنى <مۇئەللەق راۋاق>، ئىجتىمائىي ئاساس يوق، دەپ قارىغان؛ ئۇ يەنە ئىقتىساد قانچە تەرەققىي قىلغانسېرى، ئىنقىلابنىڭ غەلىبە قىلىش پۇرسىتى شۇنچە ئاز بولىدۇ دەپ قارىغان، ئاز ساندىكى زىيالىيلارنىڭ مەخپىي تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، زورلۇق كۈچ بىلەن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشنى تەشەببۇس قىلغان، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنقىلابىي رولىغا سەل قارىغان. <خەلق ئىرادىسى پارتىيىسى> نىڭ تېررورلۇق تاكتىكىسى ئۈچۈن ئىدىيىۋى ئاساس يارىتىپ بەرگەن. بەدىئىيلىك جەھەتتە، چاكىنا ماتېرىيالىزملىق قاراشتا تۇرغان. سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت دەيدىغان نەزەرىيىگە ۋە ئەكسىيەتچى ئەدەبىي ئېقىمغا قارشى تۇرغان. ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.