UyghurMain Dictionary
تىيىن
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ئاغمىخانغا ئوخشاپ كېتىدىغان، قارىغايلىقتا ياشايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان.
تىيىن بولمىسىمۇ مەيلى، چاشقان تۇتسا بولدى ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
تەڭگە تۈزۈمىدىكى پۇلنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى. بىر تەڭگىنىڭ يۈزدىن بىرى، سىنىت.
بىر تىيىننىڭ ئۈستىدە تىك تۇرماق.* تەڭگىنىڭ كۈچى تىيىندا ( ماقال ).* بىكار تاپقان تەڭگىدىن ئىشلەپ تاپقان تىيىن ئارتۇق ( ماقال ).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دۆلەت بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە قىلىپ تارقاتقان، سادا - سېتىق مۇئامىلىسىدە ۋاسىتىلىك رول ئوينايدىغان قەغەز ياكى مېتال .
«پۇل» ، «ئاقچا» ئەڭ ئاكتپ سۆزلەر.
«تىزا» ئەسلى مىنگونىڭ باشلىرىدا چىقىرىلغان پۇلنىڭ نامى (贴子 ) ، بىزدە ئومۇمەن «پۇل» مەنىسىدە كېلىدۇ.
ئۆلۈمگە تۇتىدىغانمۇ پۇل، ئۆلۈمدىن قۇتقۇزىدىغانمۇ پۇل. پۇل تاپقۇچە، ئەقىل تاپ. پۇل بار چاغدا مېڭى دوست، پۇل يوق چاغدا قېنى دوست؟! ئاقچىغا ئارام يوق. تىزاڭ كۆپەيسە، ئۇيقۇڭ قاچىدۇ. ئالتە تڭگەم بار ئات ئالىمەن، يەتتە تەڭگەم بار نار ئالىمەن. تەڭگىنىڭ كۈچى تىيىنىدا. بىر تىيىننىڭ تايىنى يوق. ياماق ياماپ، يارماق تاپ. كىچىككىنە پىنناس، ئالەمنى كېزىپ تىنماس. ئۇ نېمە؟ (مېتال پۇل)
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
تىيىن - شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى پۇل بىرلىكى. ئازادلىقتىن ئىلگىرى بىر تىيىن بەش پۇلغا ياكى 10 داچەنگە باراۋەر ئىدى. بۇنداق پۇل <پۇل> ۋە <قارا پۇل> دەپمۇ ئاتىلاتتى (شاۋ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ خىل پۇل بىر تەڭگىنىڭ 10 دىن بىرىگە باراۋەر كېلىدىكەن)، ئوتتۇرىسىدا چاسا تۆشۈكى بار ئىدى. 30 - يىللاردا غۇلجىدا ئۈچ يارماقنىڭ قىممىتى بىر تىيىن ئىدى، كېيىن ئىككى يارماق بىر تىيىن بولغان. 20 تىيىن بىر مىسقال ھېسابلىناتتى. ھازىر بۇ پۇل بىر <سوم> نىڭ يۈزدىن بىرىنى كۆرسىتىدۇ. قەدىمدە ئىدىل بۇلغارلىرىدا تىيىن تېرىسى پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، 100 دانىسى بىر سوم بولاتتى. مەرۋەزى مۇنداق دەيدۇ: <بۇلغار ئۆلكىسىگە كەلگەن كېمىلەر ۋولگا ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرىدىن بۇلغار شەھىرى قۇرۇلغان يەردىكى يەرمەنكىگە كېلىشەتتى. ھازارلار ۋە ئۇلارنىڭ شىمالىدىكى قەبىلىلەر پۇل ئورنىغا تىيىن تېرىسى ئىشلىتەتتى> ئىبنى رۇستەھ: <ئۇلار ئارىسىدا بىر تىيىن تېرىسى ئىككى يېرىم دىرھەمگە تۇرىدۇ، دۈگىلەك ئاق دىرھەملەر ئىسلام ئۆلكىلىرىدىن كېلىدۇ> دەپ يازىدۇ. رۇسلارمۇ تىيىن تېرىسىنى پۇل ئورنىدا ئىشلەتكەن. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئوردىغا سوۋغا قىلغان قىممەتلىك بۇيۇملار ئارىسىدىمۇ تىيىن تېرىسى بولغان. مۇشۇلارغا ئاساسەن بەزىلەر <تىيىن> دېگەن پۇل نامى <تىيىن تېرىسى> دىن كەلگەن دەپ قارايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئون داچەن قىممىتىگە ئىگە چوڭ مىس پۇل، تومپۇز.
بىر كوينىڭ يۈزدىن بىرى، سىنت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. سىرتقى شەكلى چاشقانغا ئوخشايدۇ، تېنى چاشقاندىن سەل چوڭراق كېلىدۇ؛ قۇيرۇقى ئالاھىدە چوڭ بولۇپ، چېچىلىپ تۇرىدۇ. تىيىن ئادەتتە قارىغايلىقتا ياشايدۇ.