Chinese→UyghurMain Dictionary
提格拉.帕拉萨三世
دۇنيا تارىخى
تىگلات - پىلېسېر Ⅲ
(مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ -727) ئاسسۇرىيە پادىشاھى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 744 - 727) ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يەرلىك باش ۋالىيلارنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەپ، شھەرلەرنىڭ باجنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان؛ ھەربىي ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، دائىمىي ئارمىيىنى كېڭەيتىپ قۇرۇپ، ھەر خىل قىسىم تۈرلىرىنى، جۈلىدىن ئۇرۇش ھارۋىسى قىسىمى، ئاتلىق ئەسكەر قىسىمى، ئېغىر قوراللار بىلەن قوراللانغان قىىسم ۋە يېنى قوراللار بىلەن قوراللانغان قىسىم، سېپىلغا ھۇجۇم قىلغۇچى قىسىم ۋە قۇرۇلۇش قىسىمى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلغان، خىل قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇپ، جەڭگىۋارلىق كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەن. كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوزغاپ، مىلادىدىن 743 يىل ۋە 735 يىل ئىلگىرى شىمالدىكى ئۇرارتۇنى ئىككى قېتىم مەغلۇپ قىلغان. يەنە سۈرىيە بىلەن ئىسرائىلىيىگە بېسىپ كىرىپ، مىلادىدىن 732 يىل ئىلگىرى دەمەشىقنى ئالغان ۋەئارامېلار قورغان دۆلەتنى يوقىتىپ،بويسۇندۇرۇلغانلارنى خىراج تۆلەشكە مەجبور قىلغان.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،زور بىر تۈركۈمدىكى بويسۇندۇرۇلغان ئاھالىنى باشقا يۇرتلارغاكۆچۈرۈپ،ئۇلارغا بوز يەر ئاچقۇزۇپ،ئىجارە ھەققىنى تۆلەتكۈزگەن.مىلادىدىن 729 يىل ئىلگىرى ئۆزىنى بابىلون پادىشاھى دەپ ئاتاپ،ئىسمىنى پۇل دەپ ئۆزگەتكەن.تېگلات ـپىلېسېر دەۋىردە،ئاسسۇرىيە ئەينى ۋاقىتتىكى غەربى ئاسىيادا ئەڭ كۈچلۈك ھەربىي قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەتكە ئايلانغان.