Chinese→UyghurMain Dictionary
帖萨里亚
دۇنيا تارىخى
تېسسالىيە
قەدىمكى يۇناننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بىر رايون. ئۇنىڭ شىمالىدا مەشھۇر ئولىمپىك تېغى بار، تاغنىڭ شىمالى ماكېدونىيە، غەربىي تەرىپى پىندۇ تېغى ۋە ئېپروپس بىلەن قوشنا. شەرقىي فراكىيە (ئېگېي دېڭىزىنىڭ غەربىي شىمالى) دېڭىزىغا يېقىن، جەنۇبىدا ئوئېتا تېغى بار، دېرموپىل يولى ئارقىلىق ئوتتۇرا يۇناندىكى لوكرىسقا بارغىلى بولىدۇ. يېرى بىر قەدەر تەكشى بولۇپ، دېھقانچىلىق قىلىشقا مۇۋاپىق. دەسلەپكى ئاھالىسى ئىئونىيلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. زېمىنى (تۈزلەڭلىك) نى، غەربى خېستىيائىئوت، ئوتتۇرىسى پېلاسگىئوت، جەنۇبى دېسسالىئوت ۋە فتخىئوت دىن ئىبارەت تۆت رايونغا ئايرىشقا بولىدۇ. ئاساسلىق شەھەرلىرىدىن شىمالىي قىسمىدارلارىسسا، كراننون، جەنۇبىي قىسمىدا فارسالو قاتارلىلار بار. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرگىچە سىنىپىي جەمئىيەت شەكىللەنگەن ھەر قايسى جايلىرىدا كۆپىنچە ئاقسۆڭەكلەر ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان، ئومۇمەن ئۈچ تەبىقىگە بۆلۈنگەن: ئاقسۆڭەك ھۆكۈمرانلار؛ بېقىندا خەلقلەر ۋە قۇللۇققا چۈشۈرۈلگەنلەر (پېنېست دەپ ئاتىلىدۇ)؛ ئۈچىنىڭ سالاھىيىتى ئۈچىنىڭ سالاھىيىتى سپارتا چېگرىسىدىكى سپارتالار، پېرئېكىلار ۋە ئىلوتلارغا ئوخشاش. دەسلەپكى مەزگىلدە تۆت رايون ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ، تاگۇ دەپ ئاتىلىدىغان قەبىلە باشلىقى سايلانغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ئۇرۇش ۋاقتىدا ئارمىيىگە قومدانلىق قىلىش بولغان. يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشى مەزگىلى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى) دە، نۇرغۇن ئاقسۆڭەكلەر پېرسىيىگە تەسلىم بولغان، پېلوپوننېس ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرى) دا سپارتاغا ئەك بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردە رىم تېررىتورىيىسىگ قوشۇۋېتىلگەن، مىلادىدىن 27 يىل ئىلگىرى رىمنىڭ ئاخاييا ئۆلكىسىگە تەۋە بولغان، ھازىر گرېتسىيىگە تەۋە.