Chinese→UyghurMain Dictionary
铁骑军
دۇنيا تارىخى
تۆمۈر ئاتلىقلار قوشۇنى
ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى يېڭى ئۈلگىلىك ئارمىيىدىكى كرومۋېل رەھبەرلىك قىلغان ئاتلىق ئەسكەرلەر قىسىمى. 1643-يىلى تەشكىل قىلىنغان، ئۇنىڭ ئەزالىرى ئاساسەن ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلاردىن كەلگەن، ئۇلار ئۆز ئىختىيارى بىلەن جەڭگە قاتناشقان، ئىنتىزامى چىڭ بولغان، تاكتىكىغا ئەھمىيەت بەرگەن، بۇيرۇق بويىچە سەپ شەكلىنى تېزدىن ئۆزگەرتەلىگەن ھەم توپلىشىپ جەڭ قىلالىغان، ھەم تارقاق جەڭ قىلالىغان. ماكېدونىيە جېڭىدە پادىشاھپەرەسلەر ئارمىيىىسنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان، پادىشاھپەرەسلەر ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى روپېرت (1619 - 1682) كرومۋېلنى تۆمۈر ئاتلىق قېرى دەپ ئاتىغان، بۇ نام كرومۋېل يېتەكچىلىك قىلغان ئاتلىق ئەسكەرلەر قويۇلغان.