UyghurMain Dictionary
تيەنجىن ئىسلام جەنۇب جامەسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى تيەنجىن شەھىرىدىكى كونا شەھەر غەربىي قوۋۇقى سىرتىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا. بۇ مەسچىت 1822 - يىلىدىن 1845 - يىلىغىچە تيەنجىندىكى مۇسۇلمانلار تېز تەرەققىي قىلغان دەۋردە سېلىنغان. ئۆگزىدە سەككىز بالىخانا بولۇپ، ئەڭ كەينىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بالىخانىنىڭ ياسىلىشى ئېگىز ھەم تىك بولۇپ، جۇڭگونىڭ بىناكارلىق تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان. دەرۋازىنىڭ ئىككى يېنىدىكى ئىشىكلەرنىڭ ئۈستىدىكى نەقىشلەنگەن خىشلارمۇ يىراق - يېقىنغا مەشھۇر.