Chinese→UyghurMain Dictionary
体壁
بىئولوگىيە
تەن دىۋارى
ھايۋانلارنىڭ بەدەن ئىچىدىكى ئورگانلىرى بىلەن سىرتقى مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا تام (دىۋار). ئادەتتە ئېپتېلىيە (ياكى تېرە)، مۇسكۇل ھەم تەن بوشلۇقى پەردىسى قاتارلىق توقۇلمىلاردىن تەركىب تاپىدۇ. ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرىنىڭ تىزىلىشى بىر قەۋەت ياكى مۇرەككەپ (كۆپ) قەۋەتلىك بولۇپ، تۆرەلمە (ئىمبرىئون) دەۋرىدىكى ئېكتوبلاستتىن كەلگەن (تېرە، مېزوبلاستتىن كەلگەن بەزى تۈزۈلۈشلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئەڭ سىرتقى يۈزگە جايلاشقان بولۇپ، سىرتقى مۇھىت بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ؛ مۇسكۇل ۋە بەدەن بوشلۇق پەردىسى مېزوبلاستتىن كەلگەن. ئوخشىمىغان ھايۋانلارنىڭ تەن دىۋارىنىڭ تۈزۈلۈشىدە مەلۇم پەرقلەر بولىدۇ؛ ياپىلاق تەنلىك ھايۋانلارنىڭ بەزى تۈرلىرى، يىپسىمان ھايۋانلار ۋە بوغۇم تەنلىك ھايۋانلار قاتارلىقلارنىڭ تەن دىۋارىدا يەنە ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرى سىرتقا ئاجرىتىپ چىقارغان نېپىز مۈڭگۈز ماددىلىق پەردىسى بولىدۇ؛ بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ تەن دىۋارى بولسا، ئۇل پەردە، ئېپىتېلىيە ھۈجەيرە قەۋىتى ۋە ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرى ئاجرىتىپ چىقارغان خىتىندىن شەكىللەنگەن سىرتقى سۆڭەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ تۆۋەن دەرىجىلىك، كۆپ ھۈجەيرىلىك ئومۇرتقىسىز ھايۋانلاردا مەسىلەن، دېڭىز بۇلۇتلىرى ۋە ئۈچەي قورساقلىق ھايۋانلاردىكى تەن دىۋارىنىڭ ئۇقۇمى بولسا يۇقىرىدىكىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئۆز بەدىنىنى تۈزگەن بارلىق ئىككى قەۋەت ھۈجەيرىلەرنى ۋە ئىككى قەۋەت ھۈجەيرە ئارىلىقىدىكى ئوتتۇرا كوللوئىد قەۋىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەدەن دىۋارىنىڭ ئاساسەن قوغداش، سېزىش، ھەرىكەتلىنىش، نەپەسلىنىش، چىقىرىۋېتىش، كۆپىيىش، ئاجرىتىپ چىقىرىش ۋە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش قاتارلىق فۇنكسىيىلىرى بولىدۇ. بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ خېتىن ماددىلىق سىرتقى سۆڭىكى يەنە بەدىنىگە تىرەكلىك رولىنىمۇ ئوينايدۇ.
دېھقانچىلىق
tǐ bì
بەدەن پوستىDئورمانچىلىق
tǐ bì
تەنچە پوستى،تەنچە تېمىDئۇنىۋېرسال
tǐ bì
بەدەن تېمى
پېرىزوما )ئومۇرتقىسىز ھايۋانلارنىڭ بەدەن تېمى(