Uyghur←ChineseMain Dictionary
تېگىش بېسىم سەزگۈسى
پسىخولوگىيە
触压觉
chù yā jiào
تېگىش بېسىم سەزگۈسى تارمەنىدىكى تېگىش سەرگۈسى بىلەن بېسىم سەزگۈسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تار مەنىدىكى تېگىش سەزگۈسى بىلەن بېسىم سەرگۈسىنىڭ ئورتاق نۇقتسى شۇكى، بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى جىسىمنىڭ مېخانىك رولىنىڭ تېرىگە تەسىر قىلىشى بىلەن پەيدا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ پەرقى شۇكى، تېگىش سەزگۈسى جىسىمنىڭ پەقەت يۈزىدىكى قوتۇر - سىلىقلىقنىڭلا ئىنكاسى. سەرگۈ پەيدا قىلىدىغان تەسىر ئاجىزراق بولىدۇ. غىدىقلىغۇچىمۇ تېرىنىڭ يۈزىگىلا تەسىر قىلىدۇ. شۇڭا بۇ خىل سەزگۈ يېنىك تېگىش سەزگۈسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بېسىم سەرگۈسىنى پەيدا قىلىدىغان غىدىقلىغۇچنىڭ رولى كۈچلۈكرەك بولۇپ، تېرە يۈزىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىدۇ، لېكىن ئاغرىق سەزگۈسىنى پەيدا قىلىش دەرىجىسىگە يەتمەيدۇ. بۇ ئىككى خىل سەزگۈ بىرلەشتۈرۈلۈپ «تېگىش بېسىم سەزگۈسى» دەپ ئاتىلىدۇ. تېگىش بېسىم سەزگۈسى تېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئۆزگىرىدۇ. تېرە ئىسسىق چاغدا تېگىش بېسىم سەزگۈسى ئۆتكۈررەك بولىدۇ؛ تېرە سوغۇقراق چاغدا تېگىش بېسىم سەزگۈسى ئاجىزراق (گالراق) بولىدۇ. تېگىش بېسىم سەزگۈسى ئوڭاي ماسلىشىدۇ (كۆنۈكىدۇ). كىيىم - كىچەك ياكى سائەتنى يېڭى تاقىغاندا تېگىش بېسىم سەزگۈسى ئېنىقراق بولۇپ، كېيىن ئۇزاق ئۆتمەيلا كۆنۈكۈپ قالىدۇ. بەلكى سېزىلمەس بولۇپ قالىدۇ. لېكىن سەلگىنە دىققەت قىلىنسا تېگىش بېسىم سەزگۈسى يەنىلا بارلىققا كېلىدۇ.