UyghurMain Dictionary
تېگىن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
= تېكىن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى «قۇل» دېمەكتۇر. شۇنىڭدىن ئېلىنىپ، رەڭگى كۈمۈشتەك ساپ قۇل « كۈمۈشتېگىن»، قەھرىمان قۇل « ئالپ تېگىن»، ئايىقى ياراشقان قۇل « قۇتلۇغ تېگىن» دېيىلىدۇ. كېيىن بۇ سۆز پەقەت خاقان ئائىلىسىنىڭ بالىلىرىغىلا خاس بولۇپ قالغان. كېيىنچە، بۇ سۆز بىرەر يىرتقۇچ ھايۋاننىڭ نامى ياكى شۇنداق سۆز بىلەن بىرلىكتە ئىشلىتىلىدىغان بولدى. مەسىلەن: « چاغىر تېگىن _ قارچىغا تېگىن»، « كۈچ تېگىن _ كۈچلۈك تېگىن» دېگەنگە ئوخشاشلار.
بۇ سۆزنىڭ ئافراسىياپ ئوغۇللىرىغا قانداق كۆچكەنلىكىگە كەلسەك، ئۇلار ئۆز ئاتلىرىنى كۆپ ھۆرمەتلەپ، ناھايىتى چوڭ كۆرەتتى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر ئىشتا ئاتىسىغا مۇراجەت قىلسا ياكى خەت يازسا، ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ «قۇلىڭىز پالانى مۇنداق قىلدى، قۇلىڭىز پۈكۈنى ئۇنداق قىلدى» دەيتتى. كېيىنچە بۇ سۆز ئۇلارغا ئات بولۇپ قالدى. باشقا قۇللاردىن ئۇلارنىڭ ئېتىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، بۇ سۆزنىڭ يېنىغا يەنە بىرەر نەرسە قوشۇپ ئىشلىتىلىدىغان بولدى.
1 - 539
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
شاھزادە