UyghurMain Dictionary
تەزمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئەھۋالدىن ئۈچۈن ياكى بىرەر ئىشتىن قورقۇپ بىر يۆنىلىشكە كەتمەك.
«تىكىۋەتمەك»، «بەدەر قاچماق» سەلبىي مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ.
قۇيرۇقىنى خادا قىلماق» دا سەلىبىي مەنىدىن باشقا، مەنسىتمەسلىك مەنىسىمۇ بار.
قاچمانمۇ خۇدا دەيدۇ، قوغلىغانمۇ خۇدا دەيدۇ. كالا قاچقاندىن كېيىن قوتان ساپتۇ. ھەيۋەت بىلەن كەلگەن، بىر پەشۋادىن تىكىۋېتەر. دۈشمەن قوشۇنى قاتتىق مەغلۇبىيەتتىن كېيىن بەدەر قاچتى. «ئەكسىيەتچىلەر ئاغدۇرۇلدى، جاھانگىرلار قۇيرۇقىنى خادا قىلىدۇ».
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قاچماق، قېچىپ سەرسان بولۇپ يۈرمەك؛ تېزىپ كەتمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئەسلىدىكى ماكانىنى تاشلاپ، باشقا جايلارغا تاراپ كەتمەك.
مەدرىسىدىن تالىپلار، مەسچىتلەردىن نامازخانلار تەزدى.