UyghurMain Dictionary
تەزكىرە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(ئەرەبچە)
يازغۇچىلارنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىلىپ، ئەسەرلىرىدىن نەمۇنىلەر كەلتۈرۈلگەن كىتاب. تەزكىرە بۇ جەھەتتىن ئانتالوگىيىگە ئوخشايدۇ. تەزكىرىچىلىك ئۆتمۈش ئەدەبىياتشۇناسلىقىنىڭ بىر ساھەسى بولۇپ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ناۋايىنىڭ <مەجالىسۇن نەفائىس> ناملىق كىتابىمۇ مەشھۇر تەزكىرىلەر قاتارىغا كىرىدۇ، تەزكىرىلەر ئەدەبىيات تارىخىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئەسلىمە، خاتىرە، ئەسكە چۈشۈرمەك؛ شەخسلەرنىڭ تەرجىمەھالىنى تۈرلۈك ۋەقەلەر ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەر، مەسىلەن: <تەزگىرە بۇغراخان>، <تەزكىرە ئەرسىلانخان> دېگەندەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەلۇم تارىخىي شارائىتتىكى مۇھىم شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالى ۋە مەلۇم جايدا يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقە، ھادىسلەر خاتىرىلەنگەن ئەسەر؛ يازما خاتىرە.
ھازىر مەملىكىتىمىزنىڭ ھەممە يېرىدە جايلار تەزكىرىسى جىددىي ئىشلەنمەكتە.