UyghurMain Dictionary
تەئجىل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئالدىراش، تېزلەشتۈرۈشكە ئىنتىلىش، سۈرئەتنى تېزلىتىشكە تىرىشىش.
ھولۇقۇش، ھاياجانلىنىش:
سەبا تەئجىل ئېتىپ تا كىردى يولغا،
قىلىپ سۈرئەت قاراماي ئوڭ ۋە سولغا.
خىرقەتى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئالدىراتماق، تېزرەك بولۇشنى تىلىمەك، ئالدىراقسان. ئوپۇل - توپۇل، چاپسان سۈرئەت. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: سابائەتجىل ئېتىپ تاكىردى يولغا، قىلىپ سۈرئەت قاراماي ئوڭ ۋە سولغا. (خىرقىتى).