UyghurMain Dictionary
تەخەللۇس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خالاس بولۇش، قۇتۇلۇش.
تەخەللۇس. ئۆز ئىسمىدىن باشقا ئىككىنچى بىر نامنى قوللىنىش.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
يازغۇچىلارنىڭ بىرەر سۆزىنى ئۆزلىرىگە نام قىلىپ ئېلىشى ۋە شۇ نامىنى ئۆز ئەسەرلىرىدە قوللىنىشى. مەسىلەن: ناۋايى (ئەلشىر)، بابىر (زاھىرىدىن مۇھەممەت)، لۇشۈن (جۇ شۇرېن) ماۋدۇن (شىن يەنبىڭ)، قاينام ئۆركىشى (لۇتپۇللا مۇتەللىپ) دېگەنگە ئوخشاش.
ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا كۆپلىگەن شائىرلار تەخەللۇس ئىشلەتكەن، بۇ ھال ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىمۇ قىسمەن ھالدا داۋاملىشىپ كەلدى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خالىس؛ دۇغسىز، سۈزۈك سۇ؛ ئەدىبىي لەقەم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رەسمىي ئاتتىن باشقا ئات: بەزىسى ھۆرمەت بەلگىسى، بەزىسى چاقچاق تۇتقۇسى.
سۆيگۈ _ چۈشىنىشنىڭ تەخەللۇسى. لۇقەب _ ئادەمنىڭ، قەبىلە - ئۇرۇقنىڭ بەلگىسى. ئويماقسىز خوتۇن بولماس. لەقەمسىز ئەر. كىشىگە ئورۇنسىز لەقەم قويۇش ياخشى ئەمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يازغۇچى، رەسسام، ئارتىس قاتارلىقلار ئەنئەنىگە ئاساسەن، ئۆز - ئۆزىگە قويۇۋالغان باشقا نام، ئەدەبىي لەقەم.