UyghurMain Dictionary
تەۋەررۈك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
سۈپ. ئۇلۇغ، ھۆرمەتكە لايىق، ئەزىز.
بۇ زېمىن بىز ئۈچۈن تەۋەررۈك.
ئى. ئۇلۇغ، ھۆرمەتكە لايىق دەپ ئەتىۋارلانغان نەرسە، يادنامە.
خوجىنىياز مەككە تەۋەرۈكى بولغان بىر تال ئالتۇن ئۈزۈكنى چىمچىلاق قولىدىن چىقىرىپ، ئېردىباتقا قارىدى.
سۈپ. يېقىن، مۆتىۋەر كىشىلەردىن خاتىرە، يادىكارلىق بولۇپ قالغان؛ ئۇلۇغلىنىپ ساقلانغان.
بالام، بۇ پىچاقنى چىڭ ساقلا، بۇ تەۋەررۈك پىچاق.
ئى. يېقىن، مۆتىۋەر كىشىلەردىن خاتىرە، يادىكارلىق بولۇپ ساقلانغان نەرسە؛ ئەستىلىك.
بۇ بىلەيزۈڭ ئاناڭنىڭ تەۋەررۈكى ئىدى.