UyghurMain Dictionary
تەۋەڭ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تال چىۋىقتىن ياكى سىمدىن توقۇلغان، ئاشلىق ۋە باشقا نەرسىلەر سېلىپ قويۇلىدىغان، توشۇلىدىغان سايمان.
«تەۋەڭ» ياپىلاق بولىدۇ.
«كاجىۋا» ئاساسەن ئات - ئۇلاغقا ئارتىپ، ئادەم توشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
سۈكەندە ئاش، كاجىۋادا باش. توكاڭ ئاشلىققا تولۇق. ئاشنى باراڭدىن سوراڭ، ئىشنى كارداندىن. باينىڭ كۆشۈكىدە سۇ توختايدۇ. تەۋەڭلەردە نان تىزىلغان. زەمبىلدە ئوغۇت توشۇدۇق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
نان، مېۋە قاتارلىقلارنى تىزىپ، باشتا كۆتۈرىدىغان چوڭ يۇمىلاق ياغاچ تاۋاق ياكى شۇ شەكىلدە توقۇلغان سېۋەت.
پارقىراپ تۇرغان ياغلىق سامسا، گۆشگىردىلەر تەۋەڭلەردە دۆۋىلىنىپ تۇراتتى.