UyghurMain Dictionary
تەتۈر پەلەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رەھىمسىز، يامان تەقدىر؛ تەتۈر زامان.
قارا لەيلىسىدەك پاك، ئىپپەتلىك بىر قىزنى شۇم تەقدىر ئەنە شۇ لەنىتىنىڭ ئىپلاس قوينىغا تاشلىماقچى. ئەزدى بىزنى شۇم پەلەك، قانغا ئۆرۈلدى بۇ يۈرەك، كىمگە يىغلاپ ئاھ ئۇراي، كىمدىن تىلەي، ئاھ تىلەك. ۋاي شۇم پېشانە! _ دەپ ئۇنىڭغا چۆمۈچنى ئاتتى ئانىسى. مەن خانلىق مەدرىسىدە خېلى ئوقۇغان، لېكىن تەتۈر پەلەك بىلىم ئەھلىنى خارۇزار قىلىپ كەلمەكتە، _ دېدى سەيدۇللا موللا. ئۇ تەتۈر تەلەينىڭ ئەلچىسىمۇ ياكى ئەجەلنىڭ خەۋەرچىسىمۇ بىلمەيمەن. كاج تەلەي ئۇنى يەنە جەزىرىگە ئەكېلىپ تاشلىدى.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
زۇلمەتلىك زامان، يامان، تەقدىر، ئېغىر قىسمەت، ئېغىر بەختسىزلىك: نەقىشتۇر تارىختا ئاچچىق ساۋاقلار، سۆزلەيدۇ ئۇ بىزگە كەچكەن ئۇزاقتىن، نېمىلەر كۆرمىدى ئاتا- بوۋايلار، ۋاپاسىز ۋە زالىم تەتۈر پەلەكتىن.