UyghurMain Dictionary
تەستىقلىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قارار قىلىپ، قول قويۇپ ياكى تامغا بېسىپ قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلماق؛ تەستىق سالماق.
ئاپتونوم رايون بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنىڭ خاتىرىسىنى تەستىقلاپ تارقاتتى.
بىرەر ئىش - ھەرىكەت، غايە، نىشان ۋە شۇ قاتارلىقلارنى توغرا دەپ قارىماق، ماقۇللىماق.
پادىشاھ ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ سۆزىنى ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى تەستىقلاپتۇ.
توغرىلىقىنى دەلىللەپ بەرمەك، ئىسپاتلىماق.
ئۇنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى ھۆكۈمەت ئادىمى ئىكەنلىكىنى تەستىقلاپ تۇرۇپتۇ.