UyghurMain Dictionary
تەرخەمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوتياشنىڭ بىر خىلى. ئۇزۇنچاق كېلىدۇ، ئۈستىدە ئاجىز تىكىنى بولىدۇ، يېشىل رەڭلىك بولىدۇ.
ئاچچىق تەرخەمەك ئاستا سېسىيدۇ. تەرخەمەكنىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق، ئوزۇقلۇق ماددىلىرى مول. 100گرام تەرخەمكتىن 13 كالورىيە قۇۋۋەت ھاسىل بولىدۇ.
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
خاڭگا.
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، تەرخەمەككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك. پېلەك
تاشلاپ ئۆسىدۇ، ئورىغۇچى يىپلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، گۈلى سېرىق، مېۋىسى سىلىندىر شەكلىدە، تىكەنلىك بولۇپ،
پىشقاندا سارغىيىدۇ؛ ئادەتتە كۆكتات قاتارىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ، <خاڭگا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى، يىلتىزى، ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقاندا مېۋىسى، يىلتىزى ۋە ئۇرۇقىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.
سەپرانىڭ ئۆتكۈرلۈكى ۋە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش، تېرىگە جۇلا
بېرىش، سۈيدۈك ھەيدەش، تاش پارچىلاش ۋە چۈشۈرۈش، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
تەرخەمەكنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىپ، ھارارەتنى پەسەيتىدۇ.
تەرخەمەكنىڭ ئۇرۇقىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئەرلەر جىنسىي ئەزا ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىدۇ؛
دوۋساقتىكى تاش ۋە قۇملارنى چۈشۈرىدۇ.
تەرخەمەكنىڭ يىلتىزىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ھەسەل سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، نورمالسىز خىلىتلارنى تازىلايدۇ.
تەرخەمەكنىڭ ئۇرۇق ۋە ئېتىنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ؛ بەدەننى پارقىرىتىپ،
تومۇرلارنى تازىلايدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
تەرخەمەك تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە ئاقسىل قاتارلىقلار بولۇپ، قاننى تولۇقلاپ ئىشتىھانى ئېچىش رولىغا ئىگە. ئۇنى تۇزلاپ يېيىشكە، جياڭيۇ (چىنجياڭ) چىلانمىسى قىلىپ يېيىشكە ۋە خام يېيىشكە بولىدىغان بولغاچقا، يىل بويى ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان كۆكتات ھېسابلىنىدۇ.
ھازىرقى زامان ئىلمىي تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ تەركىبىدە قەنتلەرنىڭ مايلارغا ئۆزگىرىشىنى تورمۇزلايدىغان بىر خىل ماددىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولغان. سەمرىش مايىللىقى بار ھەم قەنتلىك يېمەكلىكلەرگە ئامراق كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى تەرخەمەكنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا قەنتلەرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە مايلارنىڭ جۇغلىنىشىنى تورمۇزلاپ، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.
چەت ئەللىك بىر كىشى تەرخەمەك شىرنىسى (سۈيى)نى تېرىگە سۇۋاپ بەرگەندە كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە تېرىنى سىلىقلايدىغانلىقىنى، قورۇق يوقىتىپ ھۆسن تۈزەيدىغانلىقىنى بايقىغان ھەمدە ئۇنىڭغا »ھۆسن تۈزىگۈچى كۆكتات« دەپ نام بەرگەن. تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، تەرخەمەك تەركىبىدە بىئولوگىيىلىك ئاكتىپلىققا ئىگە ئېنزىملار بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئورگانىزملارنىڭ مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. ھازىر ئۇنىڭدىن بىر يۈرۈش گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىلماقتا. تەرخەمەكنى يەنە زەھەرسىز سۈۋەرەك يوقىتىش دورىسى ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.
تەرخەمەكنىڭ ئەسلىي ماكانى ھىندىستان بولۇپ،4000 يىللىق تېرىپ ئۆستۈرۈلۈش تارىخىغا ئىگە. مىلادىيىدىن100 نەچچە يىل ئىلگىرى جاڭچيەن غەربىي رايونلاردىن ئۆتكەندە تەرخەمەك ئۇرۇقىنى ئالغاچ كەلگەن. ئەينى چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رايونلار ئومۇملاشتۇرۇپ »خۇ« (胡) دەپ ئاتىلىدىغان بولغاچقا، خەنزۇلار ئۇنى خۇگۇا (瓜胡، خۇلارنىڭ كاۋىسى) دەپ ئاتىغان.
تەرخەمەك كاۋا ئائىلىسىگە تەۋە بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئاتىلىق ۋە ئانىلىق گۈللىرى بىر تۈپتە ئايرىم ئۆسىدۇ. گۈلى ئوچۇق سېرىق، گۈل تاجىسى قوڭغۇراق شەكىلدە بولۇپ، ئەتىگەندە ئېچىلىپ كەچقۇرۇن يۇمۇلىدۇ ھەمدە پەقەت ئانىلىق گۈلىلا مېۋىلەيدۇ. مېۋىسى تاياقسىمان ياكى يۇمىلاق سىلىندىرسىمان (مېۋىسى يۇمران بولغاچقا ئاسان ئېگىلىپ غەيرىي شەكىللەرگىمۇ كىرىپ قالىدۇ) بولۇپ، سىرتقى يۈزىدە تىكەن تۈكچىلىرى بولىدۇ. ياپونىيىدىكى بىر يېزا ئىگىلىك مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى باشقىچە بىر يول تۇتۇپ تەرخەمەككە قارىتا »ھۆسن تۈزەش« تەجرىبىسى ئىشلىگەن: ئۇ ئالدى بىلەن يېڭى چۈشكەن تەرخەمەك مېۋىسىگە سۇلياۋ تۇرۇبىلارنى كىيدۈرۈپ تەرخەمەكنى ئۇنىڭ ئىچىدە تۈپتۈز ئۆستۈرگەن، ئاندىن بۇ تەرخەمەكلەرنى سۇلياۋ تۇرۇبا بىلەن بىللە ئۈزگەندە قاچىلاش ۋە توشۇشقا قۇلايلىق بولۇپلا قالماي، ئاسانلىقچە بۇزۇلمىغان. ئۇنىڭ ئىشلىنىش يولى تۆت بۇرجەك تاۋۇز ۋە تۆت بۇرجەك پەمىدۇرلار بىلەن ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئۈنۈمى ئوخشاش بولۇشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بوتانىكا
كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پېلەك تاشلاپ ئۆسىدۇ، سىلىندىر شەكلىدە، تىكەنلىك بولۇپ، پىشقاندا سارغىيىدۇ؛ ئادەتتە كۆكتات قاتارىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ.