UyghurMain Dictionary
تەركەن
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
بىر خىل مەنسەپ، ئاتاق، ئۇنۋان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خانلىق _ پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردە ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاتىلىشى.
ئالدىنقى چېكىت پەشنىڭ ئالدىدىكىلىرى ھون، تۈرك، ئۇيغۇر ھۈكۈمرانلىرىنىڭ ئاتىلىشى؛ ئىككىنچى چېكىت پەشنىڭ ئالدىدىكىلىرى ئىسلام ئەللىرىدىكى ھۆكۈمرۈنلارنىڭ ئاتىلىشى؛ ئۈچىنچى چېكى
خان _ قوزۇق، پۇقرا _ ئوزۇق. ئۆردەك يوق كۆلدە لايخورەك خان بوپتۇ. بەگ بىلەن ئېلىشما، دەرەخ بىلەن چېلىشما. بېگىڭگە يەتكۈچە، بېلىڭنى ئوشاتاي. پادىشاھ ئادىل بولسا، پۇقرا مايىل بولار. بالا بۆشۈكىدىن يىقىلغۇچە، شاھ تەخىتتىن غۇلىسۇن. ئۆزگە يۇرتتا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تەركەن.
بىرەر ۋىلايەت ھۆكۈمدارىغا خاقانىلار تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئۇنۋان. بۇ «ھەي، ئىتائەت قىلغۇچى» دېگەن مەنىدىكى سۆز بولۇپ، ۋىلايەت ھۆكۈمدارىدىن باشقىلارغا ئېيتىلمايدۇ.
1 - 575
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
خاقان، پادىشاھ، ھۆكۈمدار
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
خاقان، پادىشاھ، ھۆكۈمدار. قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(قەدىمكى ئۇيغۇرچە)
خاقان، پادىشاھ، ھۆكۈمدار.