UyghurMain Dictionary
تەرىڭ
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
چوڭقۇر، تېرەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇقىرىدىن تۆۋەنگە، سىرتتىن ئىچكىرىگە بولغان ئارىلىق چوڭلۇق.
چوڭقۇر دەريانىڭ شاۋقۇنى ئاز. ئېرىق شىلدىرلار. تىرەن كۆل جىم تۇرار. تاغدىن ئېگىز، دېڭىزدىن تىرەن. بىلمىگەن يەرنىڭ ئوي _ چوڭقۇرى تولا. تەرىڭ تەڭىز _ تېرەن دېڭىز.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تېرەن، چوڭقۇر.
تەرىڭ تەڭىز _ تېرەن دېڭىز. ئوغۇزلار ھەرقانداق چوڭقۇر ۋە چوڭ نەرسىنى « تەرىڭ» دەيدۇ. كەڭ سايلارنى ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلغان يوللارنى « تەرىڭ ئۇرى» دېيىش شۇنىڭدىن ئېلىنغان. بىلىمى چوڭقۇر، ئالىم ئادەملەرنى « تەرىڭ بىلگە» دەيدۇ.
3 - 505