UyghurMain Dictionary
تەر
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
تېرە ئاستىدىكى تەر بەزلىرى ئىشلەپ چىقىرىدىغان رەڭسىز سۇيۇقلۇق.
تەر بەزلىرى.* تەر چىقماق.* سوغۇق تەر باسماق.* تەرنى ئېرتماق.* تەرنى قۇرۇتماق.* يەرگە تەرنىڭ ئۆگىيى يوق، خوتۇنغا ئەرنىڭ ( ماقال ).* تەر تۆكۈپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق ( ماقال ).* تەر قىلغان ئىشىڭنى ھالاللايدۇ ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
تەلەت، چىراي، يۈز.
تەرى يامان.* تەرى تۇتۇلماق.* تەرىنى تۈرمەك.* تەرى ياماننىڭ مېھرى يامان ( ماقال ).* ئۆينىڭ تۆرىگە قارىما، ساھىبخاننىڭ تەرىگە قارا ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
تەرمەك، تېرىش، تېرىماق، ئەكمەك.
بۇغداي تېرىماق.* تېرىغان خامان قىلار، تېرىمىغان ئارمان ( ماقال ).* تەرگىنىڭنى ئورۇسەن، كۆرمىگەننى كۆرۈسەن ( ماقال ).
ئېيتقىنىڭنى قايتۇرار نېمە دېسەڭ تاغقا،
ئورۇسەن ھەر نېمە تەرسەڭ تۇپراققا.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
تەرمەك، تېرىش. بىر _ بىردىن يىغۋالماق.
ئۇتۇن تەرمەك.* باشاق تەرمەك.* پاختا تەرمەك.* بەختسىز قىز تېزەك تەرگىلى چىقسا، كالىلار سۇغا تېزەكلەپتۇ ( ماقال ).* چۆچەك ئېيتقان تېرەر، ئاڭلىغان يىغار ( ماقال ).
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ھۆل، نەم، تەر:
يېڭى، ساپ، تازا.
ئۇچار قاناتلار.
1. تۇرۇپ ئېردىم ئاندا ئاقىپ تەرلەدىم،
بۇ ھالەتنى كۆردى بۇرادەرلەرىم.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ھۆل، نەم؛ يېڭى، تازا: تەر ئەيلىمەك - ھۆل قىلماق، ھۆللىمەك؛ ئۇيالدۇرماق، ئۇيالدۇرۇپ تەرگە چۆمدۈرمەك؛ تەرۇتازا - ياشانغان، گۈللەنگەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىلغان ئەمگىكىنىڭ ھەققى سۈپىتىدە ئەمگەك قىلغۇچىغا قەرەللىك (ئادەتتە ئايمۇ ئاي) بېرىپ تۇرىلىدىغان پۇل ياكى نەرسە.
ئىش ھەققى ئىسلاھاتى كېتىپ بارىدۇ، بەزىبىر نەتىجە ھاسىل قىلىندى. لېكىن ۋەزىپە يەنىلا ئېغىر. بۈگۈن ئىدارىمىزدا ئايلىق تارقىتىلدى. 1948 - يىلى ئۈچتۇرپان ئۇيغۇر مەدەنى ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىدا ئىشلىگەن ۋاقتىمدا مائاشىم ئۈچ چارەك بۇغداي، ئۈچ كوي پۇل ئىدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋغا قارىشىپ، ئىشلىشىپ بەرگىنى، كۈتكىنى ئۈچۈن بېرىلىدىغان ئازغىنا ھەق، پۇل.
«چاي پۇلى» كۆپىنچە سودا - سېتىقتا قوللىنىلىدۇ.
چەت ئەللەردە مېھمانخانا، تاماقخانىلاردا ئىشلەيدىغانلارغا تاپان ھەققى، چاي پۇلى بېرىش ئومۇمىي ئەھۋال ئىكەن. مانا سىزگە تاپان ھەققى، رەھمەت سىزگە، _ دېدى ھاشىم تۇردىغا، چاي پۇلى بەرمەمسەن، شۇ كۈنلەردە بىكارغا مۈشۈك ئاپتاپقا چىقامدۇ؟ _ دەپ قول ئۇزاتتى دائىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىراي ئاسان ئۆزگىرەر، شەپقەت مەڭگۈ ساقلىغار. چىراي كۆيدۈرەر، خۇلق سۆيدۈرەر. چىراي كۆرۈپ ھال سورا. چىرايىغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولماس. ئادەم كۆركى يۈز، يۈز كۆركى كۆز. بېتى ئەدەب كۆرمىگەن، كۆتى تەرەت. دەم غەنىيمەت، دىدار غەنىيمەت. شاھزادە مەلىكىنىڭ رۇخسارىنى بىر كۆرۈپلا ئاشىقىي بىقارار بوپتۇ. تەرى ياماننىڭ مېھرى يامان. دېڭىزنى كوزىدا ئۆلچىگىلى بولماس، ئادەمنى ئەپتىدىن بىلىپ بولماس. بەشرىسى سەتنىڭ قىلىقى يامان بولۇشى ناتايىن. ئوسماننىڭ قىزىنىڭ ئۆڭى بار. ئەينەككە قارىغانغا ھۆسىن قېتىلماس. مەرتىۋە ئادەمگە ھۆسىن قوشمايدۇ، ئادەم مەرتىۋىگە ھۆسىن قوشىدۇ. ئۆمۈر ئۆتەر، ھۆسىن ئۆچەر. چېھرە ئۆزگىرەر، شەپقەت سزاقلىنار. سۆز كۆركى ماقال، ئەر كۆركى ساقال. سەمىمىي سىرتقى قىياپەت نۇرغۇن كەمچىلىكنى يېپىپ تۇرىدۇ. ئالەمدە ھەر كۈندە بار زاۋال، ئەبەدىي قالمايدۇ بۇ ھۆسىن _ جامال.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تەر، تېرىكىش.
ئەر تەر بولدى _ ئادەم تەر بولدى، يەنى تېرىكتى. بۇ سۆز « ئىر بولدى» دەپمۇ ئېيتىلىدۇ.
1 - 422
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئىش ھەققى.
ئىش ھەققى ئۈچۈن بېرىلگەن پۇل. ئىشلەمچىنى « تەرچى» دېيىشمۇ مۇشۇنىڭدىن ئېلىنغان.
3 - 203
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تەر.
(بۇ سۆزدە « _ چى» قوشۇمچىسى ئوشۇق يېزىلىپ قالغان، بىز ئۇنىڭ مەنىسىگە ئاساسەن «تەر» دەپ ترانسكىرىپسىيە بەردۇق.)
3 - 203
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تاپان ھەققى؛ تەر