UyghurMain Dictionary
تەقسىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: تەقسىرات. كەمچىلىك سادىر قىلىش؛ كەمچىلىك، نۇقسان.
ئەرشىئى مەھجۇردىن ئۆتتى نېچۈن تەقسىرلەر،
ۋەسلىڭە، ئەي شاھى خۇبان، بىر زەمان مەھرەم ئەمەس.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قىسقارتماق؛ كەمچىلىك، ئەۋەن، نۇقسان، ئەيىپ كۆرسەتمەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھۆرمەت ئاتالمىلىرى، كىشى ئىسمىنىڭ كەينىدىمۇ، ئالدىدىمۇ كېلىدۇ، يالغۇز ئۆز ئالدىغىمۇ كېلىدۇ.
ئەخمەت ئەپەندىملەر 1949 - يىل 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى بېيجىڭغا كېتىۋېتىپ، ئايروپىلان ۋەقەسى بىلەن قازا تاپقان! جانابلار، دىققەت قىلىڭلار! ھەزرەتلىرى، يۇقىرى چىقسىلا. تەقسىر، كۆرۈنمەيدىلىغۇ. خوجام، قاچان كەلدىلە؟
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<جانابلىرى، ئۆزلىرى، ئەپەندىم> قاتارلىق مەنىلەردىكى ھۆرمەت سۆزى.
بۇنىڭ تېگىدە بىر گەپ بار، تەقسىر!