UyghurMain Dictionary
تەپسە تەۋرىمەس
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ئەمگەكنى ياقتۇرمايدىغان، بىكارچىلىقنى خالايدىغان.
<گۈلەش> خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
ھۇرۇن پىت بېقىشتىن ئۇيالماس. ھۇرۇنغا كۈندە توي. ھورۇننىڭ نېنى ئىككى بولماس. يالقاۋ - قايا، ئەسكى ئاتقا تاقا. ئېرىنچەكنىڭ ئەتىسى تۈگىمەيدۇ، تەمەخورنىڭ پەتىسى. ئېرىنچەك ئىككى ئىشلەر، ئاخىرى بارمىقىنى چىشلەر. ئىش ياقماسقا ئىش بۇيرۇساڭ ساڭا ئەقىل ئۆگىتەر. تەپسە تەۋرىمەس تەمە بىلەن ياشايدۇ. ئەرمەگۈگە بۇلۇت يۈك بولۇر.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
ھەر قانداق زۆرۈر، ئالدىراش ئىشلارغىمۇ ئالدىرىمايدىغان، بىغەم، بىپەرۋا قارايدىغان پاسسىپ پوزىتسىيىنى بىلدۈرىدۇ: مەتكېرەم بىلەن مەتقاسىمنىڭ «تەپسە تەۋرىمەس مىجەزى» بۈگۈن خېلى ئۆزگەردى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ھەر قانداق زۆرۈر ئىشلارغىمۇ ئادىرىمايدىغان، بىغەم، بىپەرۋا.
قارىسام ھەتتا تەپسە تەۋرىمەس، ئېغىر كارۋان ھېۋىز <دىڭخۇلۇ> مۇ ئاللىقاچان خاڭ ئاستىغا چۈشۈپ كېتىپتۇ.