UyghurMain Dictionary
تەنتەنىلىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شاد - خۇراملىق پائالىيەت ھالىتى.
سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 6 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنى 1991 - يىل 12 - ئاۋغۇست كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلىدى. شىنجاڭنىڭ 140 مىڭ توننىلىق ئېتىلىن قۇرۇلمىسى توختامىنى ئىمزالاش مۇراسىمى 1991 - يىل 10 - ماي بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. تەنتەربىيە مەيدانى دەبدەبىلىك پائالىيەتكە تولدى. ھەشەمەتلىك مۇراسىم قىزغىن ئۆتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
تەنتە بىلەن ئۆتكەن ياكى ئۆتكۈزۈلىدىغان، ھەيۋەتلىك، داغدۇغىلىق، شاد - خۇراملىق.
تەنتەنىلىك بايرام.
تەنتەنە روھىغا تولغان، كۆتۈرەڭگۈ.
تەنتەنىلىك بايانات. تەنتەنىلىك قەسەم.