UyghurMain Dictionary
تەمۈر
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تومۇر.
بۇ سۆز « كۆك تەمۈر كېرۈ تۇرماس» دېگەن ماقالدىمۇ كەلگەن. بۇ «كۆك تومۇر بىكار تۇرمايدۇ، تەككەن يېرىنى يارىلايدۇ» دېگەن بولىدۇ. بۇنىڭ باشقا بىر مەنىسىمۇ بار. قىرغىز، ياباقۇ، قىپچاق ۋە باشقا خەلقلەر قەسەم ئىچكەندە ياكى ۋەدە قىلغاندا، قىلىچنى يالىڭاچلاپ، ئالدىغا كوندىلەڭ قويىدۇ _ دە، « بۇ كۆك كىرسۈن قىزىل چىقسۇن» دەيدۇ. بۇ «ۋەدە بۇزۇلسا، قىلىچ قانغا بويالسۇن، تومۇر ئۆچ ئالسۇن» دېگەن بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار تومۇرگە ھۆرمەت قىلىدۇ.
1 - 468
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كىشى ئىسمى
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
تۆمۈر