UyghurMain Dictionary
تەمتىرىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئېنىق بىر پىكىرگە كېلەلمەي ئالدىراپ قالماق.
بۇنداق ئاللا - چۇقانلار ئىچىدە تېنەپ قالمايدىغان پەرىزات ھېچقانداق تەمتىرىمىدى.
نېمە قىلىشنى بىلمەي ساراسىمىگە چۈشمەك، ھودۇقماق.
كۈتمىگەن زەربىدىن تەمتىرەپ كەتكەن زۇليار دەرھال ئارقىغا قاچتى.
سەرسان ـ سەرگەردان بولماق، تېنىمەك.
شۇنىڭدىن بېرى تالادا قېلىپ، ھەر كىمنىڭ ئىشىكىدە تەمتىرەپ يۈرىمىز.