UyghurMain Dictionary
تەمكىن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئېغىرلىق، چىدام؛ ئېغىر تەبىئەتلىك، سۆلەت، ھەيۋەت.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بوي سۇنماق، سۆزىگە كىرمەك؛ تىكلىمەك؛ ھوقۇق، قۇدرەت، ئابرۇي، نوپۇز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۈرۈش - تۇرۇش، خۇي - پەيلى تۇتاملىق ۋە تۇراقلىق.
تەمكىن پىل پەللىگە ھودۇققان ئاتتىن بۇرۇن بارىدۇ. ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزىڭىزنى ۋەزمىن ۋە خۇشال تۇتۇڭ، سالماق بولساڭ، زەخمەت چەكمەيسەن. ئېغىر - بېسىق بولار. ئېغىر - بېسىق بولساڭ، ھۆرمەت تاپىسەن. ئۆزىنى توختاتقان ھەرقاچان غالىب.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
مىجەز - خۇلقى تۇراقلىق ۋە تۇتاملىق.
ئالىجوقا، شاللاق، شېتىلە، شەپشەك، ئۆزىنى توختاتمىغان
مىجەز - خۇلقى تۇراقسىز، تۇتامى يوق.
تەمكىن پىل ھودۇققان ئاتتىن پەللىگە بالدۇر بارىدۇ. ۋەزمىن يىگىت ھۈرمەتكە لايىق. ئېغىر - بېسىق ئادەمنى شەيتان ئالدىيالمايدۇ. ئۆزىنى توختاتقان ئادەم - ئۇلۇغلۇققا قەدەم قويغان ئادەم. گاچىغا ئۇچرىغان ئالىجۇقىمۇ ھارىدۇ. شاللاق خوتۇنغا سوقۇر ئەر ياخشى. خوتۇنى شېتىلە بولسا، ئېرىنىڭ قارىغۇ بولغىنى ياخشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، ئېغىر - بېسىق، پۇختا.
ئانام رەھمەتلىك ئېغىر -بېسىق تەمكىن ئايال ئىدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
مەھكەم، كۈچلۈك، ئىقتىدارلىق، ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغان